ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9- نۆۋەتلىك 8- ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

日期:2019年11月17日
来源:新疆日报
【字体:

يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى چېن چۈەنگو سۆز قىلدى

11- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك كومىتېتى 8- ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
(مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

11- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك كومىتېتى 8- ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. سۈرەتتە: يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش.
(مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)


جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك كومىتېتى 8- ئومۇمىي يىغىنى 11- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆز قىلدى.

يىغىندا پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، چېن چۈەنگونىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. چېن چۈەنگو «پىكىر (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھاتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي چوڭ ۋەزىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى پارتىيەمىز «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئاچقان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقاندا ئاچقان بىر قېتىملىق ئىجادىيلىققا، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىشنى چۆرىدەپ، بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى، بۇ ماركسىزملىق دۆلەت تۈزۈمى قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە ئاساسىي مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «قارار» جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشتا، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىگە، ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر - ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە يادرولۇق ئاساسىي مەزمۇنىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىش، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ۋە 13 جەھەتتىكى روشەن ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئومۇمىي نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ۋە تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئۆگىنىشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە قىلىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى نۇقتىلىق مەزمۇن قىلىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاۋۋال ئۆگىنىشى، كۆپرەك ئۆگىنىشى، يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ (مەمۇرىيەت شۆيۈەن)لىرى، كادىرلار شۆيۈەنلىرى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى رەھبىرىي كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتە چوقۇم ئۆتۈلىدىغان دەرس قىلىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەر ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى ئۆگىنىشكە ياخشى تەشكىللەپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ تولۇق قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئۈنۈم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش كېرەك. تاراتقۇلارنىڭ تەشۋىقاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەتراپلىق، كۆپ قاتلاملىق تەشۋىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە كۆلەم، داغدۇغا ۋە كەڭ تەسىر شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەشنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش، لېكسىيە سۆزلەش ئۆمەكلىرى ئورگان، كارخانا، يېزا، مەكتەپ، مەھەللە، تۇەن - چاڭ، ليەندۈيلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلەش، ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ئۆزى مەسئۇل ساھە، ئۆزى مەسئۇل تارماقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلەش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار كىشىلەر ياقتۇرىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا كەڭ لىكسىيە سۆزلەش كېرەك. نەزەرىيە جەھەتتىن شەرھلەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، چوڭقۇرلۇقى، سالمىقى بار تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تەشكىللەش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشى، ئۆزى تۇتۇشى، ھەرقايسى تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، «چىڭ تۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، رىئايە قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش»نى زىچ چۆرىدەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار تۈزۈم ئېڭىنى يەنىمۇ ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، پۈتكۈل ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تۈزۈمنى ئاڭلىق ھۆرمەتلەش، ئۇلۇغلاش، تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، تۈزۈمنى قەتئىي قوغداشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تۈزۈمنىڭ ھەر ۋاقىت ھەيۋىسى بولۇشى، ھەممە يەردە ئۈنۈمى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما ۋە خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى دائىملاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، سىجىل يېتىشىپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «قايتا قاراپ چىقىش»نى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى قوللاش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا چاقىرىق قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسى بولمىغان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.