بۈگۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا بىر قەدەر ياخشى، شىمالىي شىنجاڭدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا بىر ئاز تۆۋەن بولىدۇ

日期:2019年10月11日
来源:天山网
【字体:
    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز يۈ مېڭفەن، جاڭ ۋەندې، پراكتىكانت لو بېيبېي خەۋىرى، فوتوسى) خەيرلىك سەھەر! كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ھەپتىنىڭ 5-كۈنى يېتىپ كەلدى، ئۆزىڭىز ۋە ئۆيىڭىزدىكىلەرگە مېززىلىك ناشتىلىق تەييارلاپ بېرىپ، تىرىشىپ ئىشلەڭ.

    بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭدىكى رايونلاردا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، كۆپ قىسىم جايلاردا كۈندىلىك ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن، مەسىلەن: ئالتاي شەھىرىدە ℃3، چۆچەك شەھىرىدە ℃7، غۇلجا شەھىرىدە ℃8 بولىدىكەن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولىدىكەن؛ شەرقىي شىنجاڭدىكى رايونلاردا ھاۋا بۇلۇتلۇق بەزىدە ئوچۇق بولىدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كورلا شەھىرىدە سىم- سىم يامغۇر ياكى ئۆتكۈنچى يامغۇر يېغىپ، بۇلۇتلۇق ھاۋارايىغا ئۆزگىرىدىكەن، باشقا رايونلاردا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن.

    ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃21، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃12 بولۇپ، 3 بال شامال چىقىدىكەن.