تىيانشان تورى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى شىركىتى چېڭشى مەركىزىي مەيدانى بېكىتىدە، غۇلجا شەھىرىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ساپ توكلۇق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇس يولغا چىقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى 132 ساپ توكلۇق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ ھەرقايسى بېكەتلەرگەئاستا-ئاستاكىرىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ، غۇلجا شەھىرىنىڭ ئەسلىدىكى گازلىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدىنيېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا قاراپ تېز ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.