ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى مول مەزمۇنلۇق ياشانغانلارنى سۆيۈش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ چۇڭياڭ بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى

日期:2019年10月09日
来源:天山网
【字体:

10-ئاينىڭ 7-كۈنى چۇڭياڭ بايرىمى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلارمول مەزمۇنلۇق ياشانغانلارنى سۆيۈش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ چۇڭياڭ كاتتا بايرىمىنى بىرلىكتەتەبرىكلىدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئۇيۇشتۇرغان «چۇڭياڭ بايرىمىدا ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش» ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى قويۇش پائالىيىتى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنىڭ پىيادىلەر كوچىسىدا باشلاندى. تىيانشان رايونى تەۋەلىكىدىكى مەھەللە ياشانغانلار ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قويۇش ئۆمىكى كۆپچىلىككە «تىيانشانغا مەدھىيە»«داۋانچىڭ قىزى» قاتارلىق نومۇرلارنى تەقدىم قىلدى، يەنە مەيداندىكى ياشانغانلارغا بايراملىق سوۋغات بەردى. ياشانغانلار ئەدەبىيات - سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى جاڭ خۇي مۇنداق دېدى: چۇڭياڭ بايرىمىدا بىز چوڭ بازاردا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ ئۆزىمىزنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇق. ھازىر بىز ياشانغانلار يالغۇز قالمايدىغان بولدۇق، ئۆزىمىزنىڭ خۇشاللىقى بار بولدى، ئاھالىلەر كومىتېتى بىزگە شۇنداق ياخشى مەشىق مەيدانى تەييارلاپ بەردى، ۋاقىت چىقسىلا ئاچا-سىڭىللار بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايمىز، تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن بەختىيار.

سانجى شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى كىرا ئاپتوموبىلى شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان «ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» پاراۋانلىق پائالىيىتىدە، بۇ شىركەت باشقۇرۇشىدىكى 150تىن كۆپرەك تاكسى ئاپتوموبىلى «چۇڭياڭ بايرىمى، ياشانغانلار ھەقسىز ئولتۇرۇش ئاپتوموبىلى» بەلگىسى چاپلاپ، 60 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلدى. پائالىيەتكە قاتناشقان تاكسى شوپۇرى ما خۇەيجيەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمىلىق ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئۇلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىشقا ھەممىمىز پائال ئاۋاز قوشتۇق، بۇ بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى.

بورتالا ئوبلاستلىق رادىيو - تېلىۋىزىيە داشۆسىنىڭ نەنچېڭ رايونلۇق كوچا باشقارمىسىدا تۇرۇشلۇق«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى پىدائىيلار تەۋەلىكتىكى بوجى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۈتۈنۈش مەركىزىگە كېلىپ، بۇ يەردىكى 100دىن كۆپرەك ياشانغان كىشىگە سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ بەردى، كىيىم-كېچەك ھەدىيە قىلدى. پائالىيەت مەيدانىدا، ياشانغانلار بىلەن مەھەللە ئاھالىلەر كومېتىتىنىڭ كادىرلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش » خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى قىزغىن مۇڭداشتى،كۆپچىلىك بىرلىكتە «كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ،ۋەتەنگە چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلدى.

جىڭناھىيەسى جىڭبازىرى يۈنجەن مەھەللەئاھالىلەر كومىتېتى پىدائىيلارنى تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۆي تازىلاش، نومۇر ئورۇنداش، مۇڭدىشىش، ئۇلارغا بايراملىق بەخت تىلەشكە تەشكىللىدى. بۇ يىل 84 ياشقا كىرگەن تيەن ماۋلەن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بىز بۇ ئەۋلاد كىشىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقىچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈردۇق، ھازىر بىز ئىنتايىن بەختلىك. بالىلار كېلىپ ماڭا ياردەملىشىپ ئۆيۈمنى تازىلىشىپ بەردى، مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇم.

پىدائىي ئايپالا ئاسقار مۇنداق دېدى: چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى، بۇ قېتىملىق چۇڭياڭ بايرىمىدىن پايدىلىنىپ بوۋا-مومىلىرىمىزنى يوقلاپ ئۇلارغا ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ بەردۇق، ئۇلار خۇشال بولدى، مەنمۇ خۇش بولدۇم.