شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دوختۇرى سانجىدا خالىسانە كېسەل كۆرۈپ غەمخورلۇق يەتكۈزدى

日期:2019年10月08日
来源:天山网
【字体:

ئۈرۈمچى، 10-ئاينىڭ 8-كۈنى خەۋىرى (مۇخبىرلار جاڭ شياۋچېڭ، سانجى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى جاڭ لوۋ): يېقىندا،شىنجاڭ سانجى شەھىرىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خالىسانە كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا دورا بەردى ۋە غەمخورلۇق يەتكۈزدى.

مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يۈرەك ئىچكى بۆلۈمى، ھەزىم قىلىش بۆلۈمى، نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى بويىچەفۇجيەندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن سەككىزدوختۇر ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خالىسانە كېسەل كۆرۈپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىپ، ئاممىغا دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلارنى تارقاتقان. فۇجيەن ئۆلكىسى چۈەنجوۋ شەھىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر، سانجى شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ چىڭپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا-بازار، مەھەللىلەردىكى ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز ئاھالىلەر ئۈچۈن خالىسانە كېسەل كۆرۈشمۇ دوختۇرلار مېھىر-شەپقىتىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. داۋالاش، دورا كەسپىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىزمەتنى يەنە داۋاملىق قانات يايدۇرىمىز.