كۆزنى چاقنىتىدىغان چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى ۋەتەنگە ئېھتىرام بىلدۈردى

日期:2019年10月07日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىجاۋ چۇنخۇا

18 كۈندە رەڭدار نۇرلار چاقنىدى، ئۈرۈمچىنىڭ «ياشىسۇن ۋەتەن» باش تېمىسىدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقتى. زامانىۋى، مودا، گۈللەنگەن، گۈزەل ئۈرۈمچى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدى.

شەھەر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان بىر مەيدان كاتتا زىياپەت

نۇرغۇن نۇقتىلاردا گۈللەر ئېچىلغان، پۈتۈن شەھەر بىرلەشمە ھەرىكەتكە كەلگەن چوڭ تىپتىكى بۇ مەيدان باش تېمىلىق چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىدە، شىداچياۋ − خۇڭسەن تەۋەلىك رايونى ئېنىقكى، مۇھىمنىڭ مۇھىمى، گۈزەلنىڭ گۈزىلى بولدى.

9- ئاينىڭ 20- كۈنى، چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى دەسلەپ باشلانغاندا، ئۈرۈمچىنىڭ يەر بەلگىسى شەكلىدىكى بىنالار توپى بوشلۇقىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چىراغ نۇرلىرى ئۆزگىچە سېھرىي كۈچ تاراتتى. ئەتراپتىكى ئېگىز بىنالار ئىلگىرىكى يەككە نامايان بولۇش چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىرلىشىپ ھەيۋەتلىك غايەت زور ئېكراننى شەكىللەندۈردى.

غايەت زور ئېكراندا، جۇڭگو ئارزۇسى، گۈزەل شىنجاڭ، شەھەر نۇرى، يىپەك يولىدىن ئىبارەت تۆت سەھىپە ئاستا - ئاستا ئېچىلدى، ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار جانلىق كۆرۈنۈشلەر كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.

تۇتاش كەتكەن قۇملۇقتىكى قەدىمىي يولدا، كولدۇرما ئاۋازى يىراقتىن يېقىنلاپ كېلەتتى، ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى چاقماقتەك تېز ئۆتۈپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر دەستىسى قالدۇراتتى. قەدىمىي يىپەك يولى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ بۇ مەيدان زامان - ماكان گىرەلەشمىسىدە، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت بۇ يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت يېڭى تارىخىي پۇرسەت ئالدىدا سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىياتنى نامايان قىلىپ كىشىلەرنى ھاياجانغا سالدى. كۆز يەتكۈسىز يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ گۈزەل بىپايان تەبىئىي مەنزىرىنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسى ئىدى. تىرىشىپ يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقان كۈرەش قىلغۇچىلار ۋە چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقە يولىدا ئاكتىپلىق بىلەن ئىلغارلىقنى تالىشىۋاتقان تەنھەرىكەتچى ئەزىمەتلەر ۋەتەننىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىدە قەد كۆتۈرگەن بۇ شەھەردە، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئالدىنقىلاردىن ئېشىپ كېتىش، باشلامچىلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلىش روھىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.

شياۋلۈگۇدا، دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ھەمدە ئادەتتىكى ئاممىنىڭ تەبەسسۇمى بىر ئىللىق «تەبەسسۇم تېمى»نى شەكىللەندۈرۈپ، كىشىلەرنى بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

«ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ بۇ شەھەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز، ئۇ مۇقەررەركى بىز ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ پەخرى بولۇپ قالغۇسى!» دېدى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى ئەمەلىي قوللىنىشچان قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ياڭ شۆلياڭ.

قەلبىمدىكى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن

ئۇدا 18 كۈن داۋاملاشقان چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، شىداچياۋ - خۇڭسەن، شياۋلۈگۇ قاتارلىق جايلارنى توردا ئالقىشلانغان جەزمەن بارىدىغان جايغا ئايلاندۇردى. يۈزگە چاپلانغان دۆلەت بايرىقى بەلگىسى، قولدىكى دۆلەت بايرىقى، ھاياجانلىق تەبەسسۇم كۈلكىسى بىلەن بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى قىزارتىۋەتتى.

«ئاپا، ئاپا! قارىڭە، نېمىدېگەن چىرايلىق - ھە!» 10- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچتە، ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىللە شياۋلۈگۇغا چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنى كۆرگىلى بارغان جۇ لى ئاپتوموبىلىنى تېخى توختاتماستىنلا، ئۈچ ياشلىق قىزى ھاياجانلانغانلىقىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

«ياشىسۇن ۋەتەن!» «مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو!» كۆزنى چاقنىتىدىغان چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، بىر توپ ياشلار تەنتەنە قىلىشىۋاتاتتى، چاقماق چىراغنىڭ چاقنىشى بىلەن ئۇنتۇلماس دەقىقىلەر خاتىرىلەندى.

«بۇ تۈزلەڭلىكتە ئېگىز بىنالارنىڭ قەد كۆتۈرۈپ، چۆللۈكنىڭ بوستانلىققا ئايلىنىپ، كۈندە بىر خىل تۈسكە كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، مەن بۇ تۇپراقتا ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم» دېدى جۇ لى.

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا، «مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو» دېگەن خەتلەر بىلەن يورۇتۇلغان مەنزىرە كۆرۈش مۇنارى ئاستىدا، شادىيانە مېلودىيەگە جور بولۇشۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇشى بىلەن ئۇسسۇلچىلار سېپى بارغانسېرى زورىيىۋاتاتتى، چىن قەلبتىن ئۇرغۇغان خۇشاللىق ھەربىر كىشىنىڭ چېھرىدە جىلىۋىلەنگەن بولۇپ، كېچە ئاسمىنىدىكى ئەڭ تەسىرلىك كۆرۈنۈشكە ئايلانغانىدى.

شىداچياۋدا، تونۇش مېلودىيەگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خېتەن كۆكەرتىش باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسى رەشىدە ئىسمايىل تۆۋەن ئاۋازدا ناخشا ئېيتىۋاتاتتى.

«مېنىڭ شەھەرنىڭ كۆكەرتىش ئىش ئورنىدا ئىشلىگىنىمگە ئون نەچچە يىل بولدى، بۇ شەھەرنىڭ بارغانسېرى يېشىللىشىپ، بارغانسېرى گۈزەللىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قەلبىمدىكى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىۋاتىمەن. شەھەرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ھەربىر قەدىمى بارلىق قۇرغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىن ئىبارەت بۇ كۈچلۈك ئارقا تىرەكتىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ. ئائىلە ئەڭ كىچىك دۆلەت، دۆلەتتە مىليونلىغان ئائىلە بولىدۇ، بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!» دېدى رەشىدە.

شىنجاڭ بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ بەك گۈزەل ئىكەن

«ئاپا! مەن تېلېۋىزوردا ئۈرۈمچىنىڭ چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنى كۆردۈم، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى بەك گۈزەل ئىكەن دېيىشتى! خۇددى ئاۋات شاڭخەيگىلا ئوخشايدىكەن!»

10- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ساۋ شىنلىن شاڭخەيدىكى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇيدىغان ئوغلىدىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلدى، ئوغلىنىڭ ئاۋازىدىن تەسىرلەنگەنلىكى ھەم يەنە ھاياجانلانغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.

9- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 20دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات قانىلىنىڭ «شەرق ئىقلىمىدا» پىروگراممىسىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «ياشىسۇن ۋەتەن» باش تېمىلىق چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى سەككىز مىنۇت بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى. 10- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 20گىچە، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك - تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) يېڭى تاراتقۇ مەركىزىدىكى ھەرقايسى سۇپىلار چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىگە ئالاقىدار سىن، دوۋيىن ھەم سۈرەت، يازما خەۋەردىن جەمئىي 58 پارچە ئېلان قىلدى، جەمئىي كۆرۈش مىقدارى 10 مىليوندىن ئاشتى.

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىگە ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ بۇ مەيدان باش تېمىلىق چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنىڭ «پاراۋانلىقى»دىن بەھرىمەن بولدى.

شىداچياۋدا، جياڭشىلىق ساياھەتچى لى بىن ئۈندىدارىنى ئېچىپ سىنلىق سۆزلىشىپ، يۇرتىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا كۆز ئالدىدىكى رەڭگارەڭ گۈزەل مەنزىرىنى كۆرسەتتى. «قۇملۇقتىكى توغراقلارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە ئىنتىلگەچكە، مەن شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن. بۇ يەردە ئىچكىرى رايونلاردا كۆرگىلى بولمايدىغان ئۆزگىچە مەنزىرىلەر بولۇپلا قالماي، شەھەرلەرنىڭمۇ شۇنچە ئاۋات، مودا ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. مەن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شىنجاڭ بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ بەك گۈزەل ئىكەن!»

يىراقتىكى قىرغىزىستاندىكى ۋۇ يىڭشۆ تېلېۋىزور ئارقىلىق يۇرتى ئۈرۈمچىدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنىڭ تەنتەنىلىك ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ھاياجانلانغانلىقىدىن كۆز يېشى قىلدى.

«مېنىڭ يۇرتۇمدىن ئايرىلغىنىمغا ئون نەچچە يىل بولدى، بۇ شەھەر دائىم چۈشۈمگە كىرىپ تۇرىدۇ. كېلەر يىلى دۆلەت بايرىمىدا، مەنمۇ شىداچياۋدا تۇرۇپ نەزەر تاشلاپ، كۈنسېرى گۈزەللىشىپ بېرىۋاتقان يۇرتۇمنى كۆرۈپ باقىمەن!»