قاراقاشنىڭ بىر يېزىسىدىكى كەنتتىن بۇ يىل 16 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى چىقتى

日期:2019年10月07日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىياڭ شۇخەن،ئىختىيارىي مۇخبىرسۇ خاۋخەۋەر قىلىدۇ: «ئاپا، دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ۋەتىنىمىز بەك ئۇلۇغ، كىشىنى تولىمۇ پەخىرلەندۈرىدۇ! مەن چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە ۋەتەن ئۈچۈن، يۇرتۇم ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن!» 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، بۇ يىل يېڭىدىن گۇاڭجوۋ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك داشۆسىگە ئۆتكەن نۇرجاھان تۇرسۇنتوختى ھاياجانلانغان ھالدا ئانىسى ئامىنە ئابلىزغا تېلېفون قىلدى.

بۇ يىل قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۈۋەت يېزىسى چوڭكۆل كەنتىدىن 16 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، ھالبۇكى، نۇرجاھان كەنتتىكى ئىچكىرى رايونغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن تۇنجى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. بۇ يىل 8- ئايدىن بۇيان، كەينى - كەينىدىن كەلگەن قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چوڭكۆل كەنتىگە يەتكۈزۈلدى، بۇ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمتىمىن ئەخمەتنى تولىمۇ خۇش قىلىۋەتتى، بۇلتۇر كەنتىمىزدىن سەككىز ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنىدى. بۇ يىل 16 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە ئىچكىرى رايونلارغا ئۆتكەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ بار، ھەقىقەتەن زور مول ھوسۇل بولدى!»

چوڭكۆل كەنتى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە، قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 2000 كىلومېتىرغا يېقىن بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاساس قىلىدىغان نامرات كەنت. ئىلگىرى، «ئوغۇل بالىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغىنىدىن ئېتىزغا بېرىپ ئىشلىگىنى ياخشى، قىز بالىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغىنىدىن ئەرگە تېگىپ بالىلىق بولغىنى ياخشى» دېگەن قاراش كەنتتە كەڭ ئومۇملاشقانىدى، نۇرغۇن بالىلار بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بالدۇرلا دېھقانچىلىق قىلغان ياكى ئىشلەمچىلىك قىلغانىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ياردىمىدە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپى ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپىدا تېخىمۇ چوڭ دائىرىلىك ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئومۇملىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يېزىدىكى بالىلار مەكتەپتە ئوقۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ياخشى مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېھقانلارنىڭ نەزەر دائىرىسىمۇ بارغانسېرى كېڭىيىپ، مائارىپقا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى.

چوڭكۆل كەنتىدە كەنت بويىچە جەمئىي 277 ئائىلە بولۇپ، نۆۋەتتە 142 بالا يەسلىدە ئوقۇيدۇ، 161 بالا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، 34 بالا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئالتە بالا ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇيدۇ. ئۇدا نەچچە يىل چوڭكۆل كەنتىنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى، مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى، ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى بىردەك %100نى ساقلىدى. يېقىنقى بەش يىلدا، چوڭكۆل كەنتىدىكى 12 بالا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەت ئورنىغا چىقتى، ھازىر يەنە 23 بالا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ.

ئامىنە ئابلىز خەت تونۇمايدۇ، يان تېلېفوندا ئادەمنىڭ ئىسمىنىمۇ ساقلىيالمايدۇ. بۇ يىل ئۇ ئۆزى يىغقان پۇل ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى غەملەپ بەرگەن ئوقۇش پۇلى بىلەن قىزىنى گۇاڭجوۋغا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا يولغا سالدى. 51 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ئاتىكەم مەمتىمىن ھېساباتنى خاتا قىلىپ قويۇپ زىيان تارتقاچقا، ئۇ قىزىنى ئوقۇتۇشتا چىڭ تۇردى. بۇلتۇر قىزى گۈلنۇر روزىمەمتىمىن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن قاراقاش ناھىيەسىدە بوغالتىرلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەر ئايدا 5000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدىغان بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۈۋەت يېزىسى چوڭكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ۋېي فېڭ مۇنداق دېدى: چوڭكۆل كەنتىنىڭ بۇ يىل ياراتقان رېكورتى تاسادىپىيلىق ئەمەس، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. پەقەت داۋاملىق چىڭ تۇرغان ھەم ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەندىلا، يەنە تېخىمۇ چىرايلىق گۈللەرنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىغا، تېخىمۇ مول مېۋە بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.