خەلق سىياسىي كېڭەشنىڭ شەرەپلىك بۇرچى ۋە مۇھىم، زور مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئالىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ھەم جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

日期:2019年09月22日
来源:新疆日报
【字体:

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ھەم جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي كېڭەش سىستېمىسى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەلق سىياسىي كېڭەشنىڭ شەرەپلىك بۇرچى ۋە مۇھىم، زور مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىپ، تىرىشىپ خەلق سىياسىي كېڭەشنى پارتىيەنىڭ ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان ۋە ئۇنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم بازىغا، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى ئارقىلىق ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، تەربىيەلەيدىغان، يېتەكلەيدىغان مۇھىم سەھنىگە، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساستا زىددىيەتلەرنى پەسەيتىدىغان، تۈگىتىدىغان ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان مۇھىم يولغا ئايلاندۇرىمىز.

خەلق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز

«چوقۇم تىرىشىپ خەلق سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىنىڭ لاياقەتلىك قاتناشقۇچىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى، تۈرتكە بولغۇچىسى بولىمەن.» 9- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن جى مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكلىپ بېجىرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، تەكلىپ بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسىي كېڭەش تەكلىپ خىزمىتىنى خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يېقىن، ئەلرايىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئەلنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلايدىغان، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەيدىغان قىلىش كېرەك.

ئاقسۇ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئايشەم ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ساھەلەردىكى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ۋاقتىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، خەلق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز».

ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز

قەشقەر شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى جۈرئەت قۇربان مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي كېڭەش ئەزاسىلىق رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، تىرىشىپ ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن».

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئىقتىساد - جەمئىيەت تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بۇھەجەر ئابلا مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۆزۈمنىڭ كەسىپ ۋە ساھەدىكى تەسىر كۈچۈمدىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ئامما بىلەن كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىپ ۋە ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

يېڭى دەۋر سىياسىي كېڭەش ئەزاسىنىڭ خىسلىتىنى نامايان قىلىمىز

قومۇل شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى مەمەت ئىبرايىم مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىپە ئادا قىلىش خىزمىتىدە، مەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى زىچ چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىلارنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسىلىلەرنى نىشانلاپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭقۇر كېڭىشىپ، نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمەن».

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى يۆ جۇڭلىن مۇنداق بىلدۈردى: خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تۇتۇپ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ھەمكارلىشىپ خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، نەمۇنىلىك ھەرىكىتىم ئارقىلىق يېڭى دەۋر سىياسىي كېڭەش ئەزاسىنىڭ خىسلىتىنى نامايان قىلىمەن.