ئاپتونوم رايونىمىز ناھىيە رايونىدىكى زىچ داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى

تىرىشىپ 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېغىر كېسەللەر ناھىيەدىن چىقماسلىقنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىدۇ

日期:2019年09月22日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايونىمىز ناھىيە رايونىدىكى زىچ داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ناھىيە رايونىدىكى كېسەل كۆرسىتىش نىسبىتىنى %90كە يەتكۈزۈپ، ئېغىر كېسەللەر ناھىيەدىن چىقماسلىقنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«2014- يىلىدىن باشلاپ، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى پۈتۈن ناھىيەدىكى سەككىز يېزا - بازار شىپاخانىسى ۋە 46 كەنت داۋالاش ئۆيىنىڭ كادىرلار ئىشلىرى، كەسىپ، دورا سايمانلىرى قاتارلىقلارغا قارىتا <ئالتىنى بىرتۇتاش> باشقۇرۇپ، دوختۇرلار يېزىلارغا بېرىپ كېسەل كۆرۈپ، ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرى شىپاخانىلارغا بېرىپ شىپاخانا باشلىقى بولۇپ، ناھىيە، يېزا، كەنت سەھىيە مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنىڭ دەسلەپكى ئايلىنىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.» يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى باش دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى يۈ ۋېنخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ناھىيە رايونىدىكى داۋالاش بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، «ئاساسىي قاتلامدا تۇنجى دىياگنوز قويۇش، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش، جىددىي خاراكتېرلىك كېسەل بىلەن سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلنى ئايرىپ داۋالاش، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش»تەك دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى. بۇ يىل 2- ئايدا، يەنجى ناھىيەسى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ناھىيە رايونىدىكى داۋالاش مۇلازىمىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ناھىيە قىلىپ بېكىتىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، يەنجىدىكى ئامما كېسەل كۆرسەتسە ھەم داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ھەم مۇتەخەسسىسلەر كېسەل كۆرۈش، يىراقتىن دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانا تەمىنلىگەن دىياگنوز قويۇپ داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. يېقىنقى ئۈچ يىلدا، بۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تارماق دوختۇرخانىلىرى يېزا - بازارلىق تارماق دوختۇرخانىلار بىلەن بىرلىكتە 2365 كىشىگە يىراقتىن دىياگنوز قويدى؛ بۇلتۇر يېزا - بازار شىپاخانىلىرىدىكى ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسەتكەنلەر قېتىم سانى ئىسلاھاتتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا %51 كۆپەيدى، كېسەلخانىدا ياتقان ئاغرىقلار %23 كۆپەيدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى سىياسەت، قانۇن - نىزام ۋە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى لىنيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ناھىيە رايونىدىكى زىچ داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق داۋالاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى، ئاپتونوم رايونىمىز كۆكتوقاي ناھىيەسى ۋە يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنى سىناق نۇقتىسى قىلىپ، كادىرلار ئىشلىرى، ئىش ھەققى قاتارلىق تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى تەڭشەش ئارقىلىق ناھىيە، يېزا، كەنتلەرگە تارقالغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش بايلىقىنى بىرىكتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش قاتارلىق ئاممىۋى ساغلاملىق فۇنكسىيەلىرىنى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسىگە كىرگۈزۈپ، پۇقرالارنى ئىشىك ئالدىدىلا بىر دەرىجە يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەلا مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەرنىڭ زىچ داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتتى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك دوختۇرخانىلار «ۋاكالىتەن باشقۇرۇش شەكلى»دىكى ياردەم بېرىش، يۆلەش ۋە «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەندىزىسى ئارقىلىق باشقۇرۇش كوللېكتىپىنى ئاساسىي قاتلامدا ئىككى يىل مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىنى بىر يىل مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، ناھىيە رايونىنىڭ داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارى، دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ئىقتىدارى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ «زىچ ناھىيە رايونىدىكى داۋالاش - سەھىيە ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، بۇ يىلنىڭ يىل ئاخىرىغا بارغاندا، ناھىيە رايونىدىكى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى ئىچىدە تەكشۈرۈش - ئانالىز قىلىش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ناھىيە رايونىدا كېسەل كۆرسىتىش نىسبىتىنى %90كە يەتكۈزۈش، ناھىيە رايونىدىكى ئاساسىي قاتلامدا كېسەل كۆرسىتىش نىسبىتىنى %65 ئەتراپىغا يەتكۈزۈش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.