كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىش كەمتەرلىك بىلەن ئىش قىلىش

− شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى، شىنجاڭ سىفەن ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، تەرتىپلىك قانات يايدۇردى

日期:2019年09月22日
来源:新疆日报
【字体:

مەركەزلىك ئۆگىنىش، مەخسۇس تېما كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى ئاڭلاش، ئۆگىنىش تەسىراتى يېزىش... 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى. شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى، شىنجاڭ سىفەن ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش جەھەتتە قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش» مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى زىممىسىگە ئالدى.

شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى:

مەكتەپ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئۆگىنىش جەريانىدا «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

ئۆگىنىش جەريانىدا، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مائارىپ ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسى قىلىپ، مەكتەپنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلدى. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەكتەپ ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرگە قارىتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى توپلىدى، مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئاڭلىق ھالدا قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، تۈزىتىش تەپەككۇرى ۋە تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ مەكتەپ باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، «بەشتە تەربىيەلەش ياتىقى» بەرپا قىلىشنى ۋاسىتە قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەكتەپنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئورتاق بەرپا قىلىش شەكلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىنجاڭ سىفەن ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى:

ئۆگىنىشنى ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەتتە ئەمەلىيلەشتۈردى

ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە قايسى كونكرېت ئىشلارنى تۇتۇش كېرەك؟ سىفەن تۈرىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىدا يەنە قانداق كەمتۈكلۈكلەر مەۋجۇت... 9- ئاينىڭ 17- كۈنى شىنجاڭ سىفەن ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى (شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى)دىكى بارلىق مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار مەركەزلىك ئۆگىنىش قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئومۇمىي تەلىپىنى چۆرىدەپ، كۆپچىلىك بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن مۇزاكىرە قىلىپ، «ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قىلىش» ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ سىفەن ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى ناھىيە - باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەركەزلىك ئۆگىنىش پىلانى ۋە مۇھاكىمە لايىھەسىنى تۈزۈپ، مەركەزلىك يېپىق شەكىلدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەكتەپلەرگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان «مەۋقەنى سىفەن مائارىپىغا قويۇش، خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىنكى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىش - مۇلازىمەت قىلىش»تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش تەلىپىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ سىفەن ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى باش تېما تەربىيەسىنى مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئىسلاھاتى ۋە سىفەن كەسپىي ئىسلاھاتى، مەكتەپ - شۆيۈەن ئىككى دەرىجىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە قىلىش نەتىجىسى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى توپلاپ، بارلىق خادىملار ئادەم تەربىيەلەش، پۈتۈن مۇساپىلىك ئادەم تەربىيەلەش، ھەر تەرەپلىمە ئادەم تەربىيەلەش خىزمەت ئەندىزىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈردى. بۇ يىل، «يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «يېڭى دەۋردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ھەرىكىتىدىكى ئون مىزان» قاتارلىقلارغا توغرىلىنىپ، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىنى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدىكى بىرىنچى ئۆلچەم ۋە باش ۋەزىپە قىلىپ، كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى:

نەزەرىيە ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، بۇرچنى يېتەكلىدى

«باش تېما تەربىيەسىنىڭ نىشان - تەلىپىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۆزۈمدە يەنىلا ناھايىتى چوڭ پەرق بار. ئىدىيەۋى - سىياسىي مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئەتراپلىق ئىگىلەش، تۇتاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، نەزەرىيە ئارقىلىق ئوقۇتۇش، ئادەم تەربىيەلەشتەك ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچۇمنى كونكرېت ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيمەن» دېدى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى پارتكومى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يىڭزى.

شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەكتەپنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ يىل يازلىق تەتىلنىڭ ئالدى - كەينىدە، مەكتەپ بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ مەركەزلىك تەربىيە - ئۆگىنىشنى قانات يايدۇردى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى APPسى، ئالاقە تورى، رادىيو - تېلېۋىزىيە قاتارلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە مۇھىم ماقالىلىرىنى ئۆگەندى. 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى خادىم، ۋاقىت، مەزمۇن، ئۈنۈمدىن ئىبارەت «تۆتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» تەلىپى بويىچە، مەركەزلىك ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى قانات يايدۇردى. مەكتەپ ئۆگىنىشكە تەشكىللەش جەريانىدا دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، سەنئەت ئىجادىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قارىتا، رەھبىرىي كادىرلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇردى.