ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئاچتى

日期:2019年09月20日
来源:新疆日报
【字体:

9- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر - بازار يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشقا پايدىلىق. ھەرقايسى جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1 + 3 + 3 + ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاسراشقا ماس تۈرتكە بولۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ئومۇمىي تەلىپىنى چۆرىدەپ، يۇندى باشقۇرۇش تورى قاتارلىق ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، ھازىر بار بولغان ئەسلىھەلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇندى باشقۇرۇش تورى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، ئومۇميۈزلۈك يىغىش، ئومۇميۈزلۈك بىر تەرەپ قىلىش نىشانىنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان شەھەر قۇرۇلۇش رايونلىرىدىكى تۇرمۇش يۇندىسىنى بىۋاسىتە چىقىرىش قاتارلىق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ئالدىن ھەل قىلىپ، ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، شەھەر - بازار تۇرمۇش يۇندىسىنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش، تارماقلار ھەمكارلىشىش، كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كۈچلۈك بولغان ماس ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى بۆلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئۈچ يىللىق ھەرىكەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر تۇرمۇش يۇندىسىنى يىغىشنىڭ ئۈنۈمىنى سىستېمىلىق ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەھەرلەردىكى كەنتلەر، كونا شەھەر رايونلىرى ۋە شەھەر - يېزا تۇتاشقان جاينىڭ باشقۇرۇش تورى قاتارلىق ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى ئالدىن تولۇقلاپ، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى بەلگە قويۇپ ئۆزگەرتىش، پاتقاقنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى ۋە يۇندىدىن قايتا پايدىلىنىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە، شەھەر - بازارلارنىڭ يۇندى بىر تەرەپ قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش نىشانىغا مۇناسىپ خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك؛ سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، خىراجەت - باھا مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانا ۋە ئاممىدىن ئىبارەت ھەرقايسى تەرەپ سۇبيېكتلىرىنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە جەمئىيەت ئۈنۈمىدە ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.