ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

日期:2019年09月20日
来源:新疆日报
【字体:

9- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر، يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنغان 40 يىلدىن بۇيان نامايان بولغان خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ئۈستىدە كەڭ - كۇشادە سۆزلەشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

سۆھبەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سەككىز ۋەكىلى ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىش ۋە خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلىدى؛ ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىغا بىرلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىگە بولغان تونۇشى ۋە تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى.

شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 40 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ياخشى قىياپىتىنى نامايان قىلدى. يېڭى دەۋردىكى يېڭى تەلەپلەر ئالدىدا، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

شاۋكەت ئىمىن مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشەنچ، ئىرادىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، بىرىكمە مۇشت ئېتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى تۇتۇپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش؛ ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئارىسىدىن كېلىش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىشتەك ئالاھىدىلىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ئاممىنى پائال يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش؛ ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇن - نىزاملارنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى ئاڭلىق قوللىنىپ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلىملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ كەسىپ ئەھلىگە ئايلىنىش؛ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، قانۇن - نىزاملارغا باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق رىئايە قىلىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ئەخلاقىغا ئەمەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش كېرەك.