ئاتاكىغا ئۆتۈش! نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئىستىھكامنى ئېلىش ھەم شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش

− «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش دوكلاتى

日期:2019年09月13日
来源:新疆日报
【字体:

تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالى جەنۇبىي شىنجاڭ دەپ ئاتىلىدۇ. قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايىتى ھەمدە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست پۈتۈن مەملىكەتتىكى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىن ئىبارەت ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى.

بۇ يەردە، كۆز يەتكۈسىز تەكلىماكان چوڭ قۇملۇقى بار. قۇم - توزان، كەلكۈن - ھۆلچىلىك، قۇرغاقچىلىق، مۇز - قىروۋ... نامراتلىقتىن ئىبارەت بۇ ئالۋاستى ئۇزاقتىن بۇيان بۇ تۇپراقتا خالىغانچە زىيانكەشلىك قىلىپ كەلدى.

بۇ يەردە، نامراتلىقتىن قۇتۇلىدىغان ئارزۇ - ئىستەك بار، نامراتلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان غەيرەت ۋە قايناق ھېسسىيات بار. نامراتلارنى كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش، باشقا جايغا كۆچۈرۈش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش... نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا قانات يايماقتا.

قىسقىغىنا بەش يىلدا، شىنجاڭدا 2 مىليون 314 مىڭ 700 كىشى كۆك نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى 2014- يىلىدىكى %19.4تىن %6.1كە تۆۋەنلىدى. ئوخشاش مەزگىلدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست 1 مىليون 889 مىڭ 500 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى %29.1تىن %10.9كە تۆۋەنلەشتەك ئىمتىھان جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىستىھكامنى ئېلىپ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئەڭ ئاخىرقى نامراتلىق قورغىنىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلانماقتا.

غايەت زور ئۆزگىرىش، چۆل - باياۋاندا يېزىپ چىقىلدى؛ كۈچ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا مۇجەسسەملەندى

باش كۈزدە، كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە، بىردەك ئاقارتىلغان قىزىل ئۆگزىلىك يېڭى ئۆيلەر تاڭ شەپىقىنى كۈتۈۋالدى.

60 ياشلىق ئۇستام نۇرجۇن ئۆزىنىڭ پاكىز، رەتلىك مېھمانخانا ئۆيىدە باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، ئىلگىرىكى جاپالىق كۈنلىرىنى ئەسلىگەندە كۆز چاناقلىرى قىزاردى.

«بىزنىڭ نۇرغۇن يۇرتداشلىرىمىز ھەتتا بىرەر قېتىممۇ تۇرۇبا سۈيىنى ئىچەلمەي ئۆلۈپ كەتتى.» ئۇستام بىر ئاز سۈكۈتكە چۆمگەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھازىرقى كۈنلىرىمىز كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، دېدى.

ئۇستامنىڭ ئۆيى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دەفتەر يېزىسى راسكام كەنتىدە. تاشقورغاننىڭ جەنۇبىدا دۇنيادىكى ئىككىنچى ئېگىز چوققا چوگرى چوققىسى بار، شىمالىدا «مۇز تاغ ئاتىسى» دەپ ئاتىلىدىغان مۇز تاغ چوققىسى بار بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدۇ، كىشىلەر بۇ يەرنى «بۇلۇت ئۈستىدىكى ناھىيە شەھىرى» دەپ ئاتىشىدۇ.

ئېگىز تاغ، چوڭقۇر جىلغا! ناھىيە كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان كەنتتە ئاھالىلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد 12 چوڭ تاغ جىلغىسى ئىچىدە قاپسىلىپ ياشاپ كەلگەن. ئادەم سانى ئەڭ ئاز بولغان بىر جىلغا ئىچىدە، پەقەت بىر ئائىلە كىشىلىرىلا بار.

شۇ جاينىڭ سۇ، تۇپرىقى شۇ جاي كىشىلىرىنى باقالمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ كۆچۈرۈش كېرەك!

بۇلتۇر، شۇ جايدىكى كادىرلارنىڭ ياردىمىدە، ئۇستام ياشانغان ئانىسىنى ئېلىپ، تۆگىسىنى يېتىلەپ، ئىككى كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ يېڭى ئۆيىگە يېتىپ كەلدى. بىرىنچى قېتىم تۇرۇبا سۈيىنى كۆرۈپ، ئۇ يىغلاپ كەتتى.

مۇخبىرلار يېڭى كەنتكە كىرىپ يېڭى ئۆيلەردىن باشقا، ھەممە ئائىلىگە يەنە 100 كىۋادرات مېتىرلىق قوتان سېلىپ بېرىلگەنلىكىنى، 1000 مو تېرىلغۇ يەرنىڭ رەتلەپ قويۇلغانلىقىنى، 300 كىلوۋاتلىق ئېلېكتىر تورىنىڭ قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، داۋالاش ئۆيى، يەسلىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى. كەنتتىكى كىشىلەر پات ئارىدا يەنە 4Gلىق تورنىڭ تۇتاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

قەشقەرگە قوشنا قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ «تاغلىق ئوبلاست» دېگەن نامى بار، تاغلىق يەر كۆلىمى %95تىن ئاشىدۇ.

«ھەر يىلى 5- ئايدىن 7- ئايغىچە، تاغدىن كەلكۈن كېلىپ، ئۆيلەرنى ئېقىتىپ كېتىدۇ، يەرلەرنىمۇ ئېقىتىپ كېتىدۇ.» ئەۋلادمۇئەۋلاد قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ يەكەن دەرياسى بويىدىكى يېرىم يانتۇ رايوندا «تۈگۈلۈپ» ياشاپ كەلگەن مەغرۇپ مۇراب: ئىلگىرى ھەرقانچە تىرىشساقمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلالماي كەلگەنىدۇق، دېدى.

ھەيۋەتلىك تاغدىكى چوڭقۇر جىلغىلاردىن تۈزلەڭلىكتىكى بوستانلىققىچە، بۇنىڭ ئارىلىقى قارىماققا كىچىككىنە «بىر قەدەم» كېلىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنى ھالقىشقا «مىڭ يىل» كەتكەن.

غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتقىنى يالغۇز كىچىك ھويلا - ئارانلارلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئاممىنىڭ جۇشقۇن روھىي ھالىتى.

قەشقەردىن خوتەنگىچە، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن ئاقسۇغىچە، ھەر بىر نامراتلارنى يۆلەش سېخى، نۇرغۇن نامرات ئايالنى تۇنجى قېتىم «ئائىلىسىدىن چىقىرىپ»، كىشىلىك تۇرمۇشىدىكى تۇنجى مائاشنى ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلدى. مۇشۇ بەش يىلدىلا، شىنجاڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى مۇقىم مۈلۈككە جەمئىي 170 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىشنى تاماملىدى، يېڭىدىن كۆپەيگەن توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىسى 2200دىن كۆپرەك بولدى، جەمئىي 450 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىشچى ئايال.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «ئاياللارنىڭ كۈچى» جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان «يېڭى موتور»غا ئايلانماقتا.

ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، يەنە تەدرىجىي ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئاممىنىڭ «ھەميان»ىنى تومپايتتى.

قوقاستا قاقلانغان ئۆردەك تۇخۇمى، كەپتەر تۇخۇمى، مەززىلىك ھىدى تارىلىۋاتقان پۈتۈن قوي كاۋىپى، ئۆپكە - ھېسىپ، شېرىن - شېكەر قوغۇن - تاۋۇز... تۈن پەردىسى يېيىلىشى بىلەن، خوتەننىڭ كەچلىك بازىرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، نامرات ئاھالە تۇرسۇن مەمتىمىن يەنە ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

«ھەر كۈنى كەچتە ئالدىراشچىلىقتىن يېتىشەلمەي قالىمەن.» يىگىتنىڭ چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيتتى، ئۇنىڭ يايمىسىدا ھەر كۈنى 200گە يېقىن نان سېتىلىدۇ، كۈندىن - كۈنگە قىزىۋاتقان ساياھەتچىلىك كەسپىگە تايىنىپ، ئۇ بۇ يىل كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلالايدۇ.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 75 مىليون 893 مىڭ 500 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46 ئاشتى، ساياھەتچىلىك كىرىمى 115 مىليارد 206 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.96 ئاشتى.

«بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىش»تىن «بىر ئائىلىگە كۆپ تەدبىر قوللىنىش»قىچە، ئاچقۇچلۇق مەزگىلدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە شاھمات ئۇرۇقىنى تېخىمۇ ياخشى مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ

خوتەن تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىنىڭ بىرىنچى تەسىراتى قاشتاش بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە خوتەننىڭ توشقاندىن ئىبارەت يەنە بىر «بەلگىسى» كۆپەيدى.

خوتەننىڭ ھاۋا كىلىمات شارائىتى توشقان باقمىچىلىقىغا ماس كېلىدۇ، لېكىن ئىلگىرى باقمىچىلىقنىڭ كۆپىنچىسى كىچىك دائىرىدە بولۇپ، ھەم كۆلەملەشمىگەن، ھەم ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە ئەمەس ئىدى. بۇ يىل 3 - ئايدا، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى بۇزاق يېزىسىدىكى نەسىللىك توشقان باقمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، قىسقىغىنا تۆت ئايدىلا، 1- قاراردىكى 20 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق زاۋۇت ئۆيى، 35 مىڭدىن ئارتۇق كاتەك پۈتۈپ ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلدى.

«باشلىنىشىدا، نامرات ئاھالىلەر يېڭى تېخنىكىنى چۈشەنمىگەچكە، توشقان بېقىپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمىدى.» بازىنى يۈرۈشتۈرگۈچى تەرەپ − شىنجاڭ زاۋتۇ دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ يۆ مۇخبىرلارغا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: كارخانا نامرات ئاھالىلەرگە بىرتۇتاش نەسىللىك توشقان بېرىپ، بىرتۇتاش يەم - خەشەك بىلەن تەمىنلەپ، بىرتۇتاش يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى داۋالاپ، بىرتۇتاش تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىپ، بىرتۇتاش قوغدالما باھادا سېتىۋالدى، ھازىر توشقان باققاچقا، كۆپچىلىك: ئوھۇي! ھەقىقەتەن ئىلگىرىكىدىن خېلىلا كۆپ پۇل تاپتۇق، دېيىشتى.

«نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى ئۆستى، كارخانىنىڭ ئۈنۈمىمۇ ئاشتى.» خوتەن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ۋاڭ لىن مۇنداق دېدى: خوتەن ناھىيەسى گۆش توشقىنى باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە باچكا باقمىچىلىقى قاتارلىق نامرات ئامما نىسبەتەن ئاسان قاتنىشالايدىغان كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى، بۇنىڭ ئۈنۈمى تەدرىجىي كۆرۈلۈۋاتىدۇ.

خاس باقمىچىلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك، قىزىلگۈل تېرىقچىلىقى... ئەمگەك كۈچى كۆجۈملىشىش تىپىدىكى ئەنئەنىۋىدەك كۆرۈنىدىغان بۇ كەسىپلەر ھازىر شىنجاڭدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ ھەم داۋاملىق رول ئوينايدۇ.

«نامراتلىشىش سەۋەبى قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى شۇنچە ئىنچىكە تەھلىل قىلىش كېرەك، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىش يەتمىسە بىر ئائىلىگە كۆپ تەدبىر قوللىنىش كېرەك، كەسىپ ئەپلەشمىسە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق تولۇقلاش كېرەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەپلەشمىسە كەسىپكە تايىنىش كېرەك.» قەشقەر ۋىلايەتلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر جېڭ گېنچاڭ ئامال - چارىنىڭ ھامان قىيىنچىلىقتىن كۆپ بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.

ئۆيى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرى گۇجانباغ يېزىسى سەكسەن كەنتىدىكى گۆھەرنىسا ئاۋۇت، ئىلگىرى توردا كىيىم سېتىۋېلىشنىلا بىلەتتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۇنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلگەنگە قەدەر، تور ئارقىلىق ئۆيىدىكى ياڭاقلارنى سېتىپ چىقىرىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغانىدى.

«ھازىر، بىز ئۆيدە مائۇسنى چېكىپ قويساق ياكى يەرلىكتىكى يىغىپ - سېتىۋېلىش سۇپىسىغا بىرتۇتاش سېتىپ بەرسەكلا، ئۆزىمىزدىن چىققان ئەلا سۈپەتلىك ياڭاقلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىپ بولالايمىز.» ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق دەل جايىدا ياردەم بولسىلا، ئۆزىمىزنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، بىز چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلالايمىز».

ئاقسۇدا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان خاڭجوۋ شەھىرىمۇ ئوخشاشلا مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئاقسۇغا ياردەملىشىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتتى، يەرلىك مول ھوسۇل ئالغان «بىڭتاڭشىن» سورتلۇق ئالمىسى تور ئارقىلىق شىنجاڭدىن چىقىپ، باغۋەنلەرنىڭ «سېتىش تەس بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى ئۈزۈپ تاشلاشتا، مائارىپ ئىنتايىن مۇھىم.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا نامرات ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى ئۈچ يىللىق ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىغىچە ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولدى. بۇ يىل، شىنجاڭ 800 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ 395 مىڭ 300 كىۋادرات مېتىر مەكتەپ ياتىقى سېلىشىنى قوللىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ پۇختىلىنىش نىسبىتى %94.2كە يېتىپ، نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇيدىغان مەكتىپى بولۇشى، ئوقۇيالايدىغان بولۇشى، ئوقۇشتىن چېكىنمەسلىكى ئىشقا ئاشتى.

يېزا - كەنتلەردىكى نامراتلارنى يۆلەش سېخىنىڭ يېنىدا، مۇخبىرلار يەسلىلەرنىڭ ئىشچىلارنىڭ گۆدەك بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا ياردەملىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. «ئىشقا چىققاندا يەسلىگە ئەكىرىپ قويۇپ، ئىشتىن چۈشكەندە ئۆيىگە ئەكىتىش». «نامراتلارنى يۆلەش سېخى+يەسلى» ئەندىزىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ھەممە يېرىدە يولغا قويۇلدى.

خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ما جياڭشەن مۇنداق دېدى: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا، ئاچقۇچ نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىش، ئۇلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، ھۆكۈمەتنىڭ قىلىدىغىنى بولسا تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نامرات ئاممىغا ئامال تېپىپ، يول ئېچىپ بېرىش.

بوشىشىپ كەتمەي، بوشاڭلىق قىلماي، تېخىمۇ پۇختا كۈرەش بىلەن نامراتلىقتىن ئىبارەت بۇ ئالۋاستىنى يېڭىپ، گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇش

بۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا جەزمەن ھەل قىلىدىغان «ئەڭ قىيىن مەسىلە» − جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىدىكى نامرات ئاھالىنىڭ كۆلىمى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى نامرات ئاھالىنىڭ يېرىمىغا يېقىنلىشىدۇ. 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىنجاڭدا يەنە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئاھالە 817 مىڭ 100 كىشى، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر، خوتەندە ئايرىم - ئايرىم 349 مىڭ 800، 349 مىڭ 700 نامرات ئاھالە بار بولۇپ، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى نامرات ئاھالە ئەڭ كۆپ ئىككى جاي ھېسابلىنىدۇ.

قانچىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كەلگەنسېرى، شۇنچە غەيرەت بىلەن ئىشلەش كېرەك.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى بىر يىرىك پىلانىدا، مۇخبىرلار يەرلىكتىكى كادىرلارنىڭ ئامما ئۈچۈن پىلانلىغان تۈرىنىڭ يالغۇز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشلا ئەمەسلىكىنى، يەنە مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق يىراق مەزگىللىك پىلانلارنىڭ بارلىقىنى كۆردى.

«<نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ>لا قالماستىن، يەنە كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق سۈپەت، ئۈنۈمنى قوش ئۆستۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەم بېيىشىغا ياردەم بېرىمىز» دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ خۇا.

نامراتلارنى يۆلەيدىغان بۇ كادىرنىڭ ئىشخانىسىنىڭ تار بوشلۇقىغا بىر كىشىلىك كارىۋاتمۇ سىغمايتتى. ئۇ ئىلگىرى ئىشخانىسىدىكى سافادا ئۇدا 40 كۈن ئۇخلىغانىدى.

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تۇپرىقىدا ماڭغاندا، مۇخبىرلار مۇنداق بىر خەلق قوشىقىنى ئاڭلىدى: خوتەنلىكلەر بىر كۈندە ئىككى جىڭ توپا يەيدۇ. كۈندۈزى يەپ تويمىسا، كەچتە يەنە تولۇقلايدۇ.

يالغۇز خوتەنلا ئەمەس، مۇخبىرلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يول بويى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، قۇملۇقلاردىن ئۆتۈپ، ئاپتوموبىل ئەينىكىدىن سىرتتىكى سېرىق قۇملارنى كۆردى، ئارىلاپ مۈگدەپ ئويغانغاندا، سىرتتىكى مەنزىرە خىرە كۆرۈنەتتى. بەزىدە، قۇم بارخانلىرى تاشيولغا «يامىشىپ چىقىپ»، يولنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەنىدى.

قۇملۇق كىشىلەرنى كېتىشكە قوغلىدىمۇ ياكى كىشىلەر قۇملۇقنى چېكىنىشكە مەجبۇرلىدىمۇ؟ بۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەڭگۈلۈك تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك.

چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا يېزىسى ئارىش كەنتى، تەكلىماكان چوڭ قۇملۇقىدىكى «3 - نومۇرلۇق شامال ئېغىزى»نىڭ ئەڭ ئالدى گىرۋىكىگە جايلاشقان. مۇخبىرلار كەنتتە نازىر دەرىجىلىك ئىش ئورنىدىن پېنسىيەگە چىققان لى پېڭنى ئۇچراتتى. ئۇنىڭ ھازىرقى سالاھىيىتى چىلانچى دېھقان ئىدى.

2007- يىلى، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى لى پېڭ ئۆزى يالغۇز ئارىش كەنتىگە كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئەمگەك كۈچى چىقىرىشقا يېتەكلىدى، ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، 100 مو ئىھاتە ئورمانلىقى بەرپا قىلىپ، 50 مىڭ تۈپ تېرەك تىكىپ، 2000 مو يەرگە چىلان تىكىپ، 2400 مو يەردىكى قۇمنى تىزگىنلىدى.

بولۇق مېۋىلىگەن چىلان دەرەخلىرى، رەت - رەت جايلاشقان ئىھاتە ئورمان بەلبېغى بىلەن قورشالغان كاتەكچىلەر، سېرىق قۇملۇقنى كەنتتىن خېلىلا يىراق ئايرىغانىدى.

«بىرىنچى قەدەمدە، مەن دەرەخ تىكىپ بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇردۇم. ئىككىنچى قەدەمدە، كۆپچىلىكنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدىم». چىلان دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇرۇپ، لى پېڭ مۇخبىرلارغا كەلگۈسىدە چىلان پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشتىن باشقا، يەنە توردا سېتىش سۇپىسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

ئەمەلىيەتتە، قۇملۇقتا چىلان ئۆستۈرگەن بۇ كىشى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشقان بىر قىسىم توردا سېتىش سۇپىلىرى بار ئىدى. تېخىمۇ خۇشاللىنارلىقى شۇكى، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىمدىكى بارغانسېرى كۆپ كارخانا «غەربكە قارىدى، غەربكە قاراپ ماڭدى».

«يەرلىكتىكى كادىرلار ناھايىتى كۈچ بەردى!» خوتەن ناھىيەسىگە مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرغان جياڭسۇلۇق كارخانىچى يۈ فېڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بىر مۇئاۋىن يېزا باشلىقى دائىم باغچە رايونىدا تۇرۇپ، بىزنىڭ باشقۇرۇشىمىزغا ياردەملەشتى، ھازىر بىز زاكاز بولماي قېلىشىدىن ئەندىشە قىلمايمىز، بەلكى زاكازغا مال يەتكۈزۈپ بېرەلمەسلىكىمىزدىن ئەنسىرەيمىز».

بۇ، قول تۇتۇشۇپ نامراتلىققا ھەل قىلغۇچ جەڭ ئېلان قىلغان قەيسەر كۈچ −− شىنجاڭ شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىمدىكى كارخانىلار بىلەن ياخشى ھەمتۈرتكىلىكنى شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ شەرقىي قىسىم دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ كەسىپ يۆتكىلىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، رايون سىرتىدىن سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 2367نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايون سىرتىدىن 120 مىليارد 747 مىليون يۈەن مەبلەغنى جەلپ قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە سىرتقى ئۆلكىلەرنىڭ ئەمەلىيلەشكەن مەبلىغى %94نى ئىگىلىدى.

كارخانا بار، كەسىپ بار، ئىرادە بار، غەيرەت بار.

ھەر مىللەت ئاممىسى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، نىشاننى كۆزلەپ سىجىل ئاتاكىغا ئۆتسە، جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا چوقۇم نامراتلىقتىن ئىبارەت بۇ ئالۋاستى ئۈستىدىن تەلتۆكۈس غەلىبە قىلىپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل يۇرت - ماكاننى قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.