ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتە باسقۇچلۇق نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى

مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن 159 مىڭ 100 كىشىنى كۆچۈرۈش تولۇق تاماملىنىدۇ

日期:2019年09月12日
来源:新疆日报
【字体:

«9- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ <13- بەش يىل>دىكى 159 مىڭ 100 نامراتنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسى تولۇق تاماملىنىدۇ، باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن بۇ ئاھالىلەر يېڭى تۇرالغۇسىدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە تېلېۋىزوردىن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى كۆرىدۇ» دېدى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو ۋېنيى ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا.

گو ۋېنيى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى مەزگىلدە نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنى «ئۆزىنى ئۆزى باقالمايدىغان» رايونلاردىكى نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ ئۈنۈملۈك يولى قىلىپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، باسقۇچلۇق نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2016- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا 35 مىڭ 745 ئائىلىدىكى 140 مىڭ كىشىنىڭ ھەممىسى كۆچۈرۈلۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان. 2019- يىلى، دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزغا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 4380 ئائىلىدىكى 19 مىڭ 117 كىشىنى كۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى چۈشۈرگەن، بۇ، ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يەتتە ناھىيە(شەھەر)گە چېتىلىدىغان بولۇپ، 4380 يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي تولۇق سېلىنىپ بولغان.

ئاپتونوم رايونىمىز كەنت، ئائىلە، ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ نامراتلىق سەۋەبىگە ئاساسەن، خاس دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىقنى، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋاملاشما كەسىپلەرگە ياردەم بېرىش - يۆلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، داۋاملاشما كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى.

گو ۋېنيى مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، ھەرقايسى جايلار 9- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ نىشاننى تولۇق تاماملاشنى چۆرىدەپ، خىزمەتنى مۇددەتكە بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنى تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ <13 - بەش يىل>دىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى قەتئىي تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ياخشى ئاساس سالدى».