چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قومۇل شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش نەق مەيدان ئىش بېجىرىش يىغىنى ئاچتى

باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قومۇلنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئېشىش قۇتۇپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

日期:2019年09月10日
来源:新疆日报
【字体:

9- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قومۇل شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 7- كۈنى، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئېۋىرغول رايونى لىيۈەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ئەيسا ئاقيول ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيارەت قىلىپ، يوقلاپ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرمەكتە.(مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

9- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قومۇل شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش نەق مەيدان ئىش بېجىرىش يىغىنى ئاچتى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ قومۇلنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئېشىش قۇتۇپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ شياڭشېڭ يېڭى ماتېرىياللار پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، قومۇل شەھىرى جيەنيىڭ كاڭچېڭ يېمەكلىك تەقسىملەش شىركىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ قومۇلدىن جېڭجوۋغىچە بولغان 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تىيانشان توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى، شىچېڭزى فوتو ۋولت كەسىپ باغچە رايونى، دۆلەت ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزى قومۇل شۆبە مەركىزىگە كىرىپ، ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ قومۇل مەدەنىيەت - ساياھەت ئىجادىيەت باغچىسى، قومۇل تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروت باغچىسىدا تۈر يىرىك پىلانى ۋە قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى؛ قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە كېلىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر يەنە ھەر مىللەت ئامما ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى زىيارەت قىلىپ يوقلاپ، يۈزتۇرا مۇڭداشتى، ئىتتىپاقلىقنى سۆزلىدى، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈستىدە پاراڭلاشتى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك، ئائىلىسىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، چېن چۈەنگو قومۇل شەھىرىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ قومۇلنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئېشىش قۇتۇپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا دائىر خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «1+3+3+ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئېنېرگىيە بايلىقىغا دائىر خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەش، تەرتىپلىك ئېچىش، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، ئايلانما تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشىغا دائىر خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ «مۇھىم تۇتقىسى»نى چىڭ تۇتۇپ، تۈر ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش، تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش، تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يول ئىقتىسادىغا دائىر خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، قۇرۇقلۇق پورتى تىپىدىكى ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، «ئىقتىساد يولى»نى «يول ئىقتىسادى»غا ئۆزگەرتىش كېرەك. ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دائىر خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ساياھەتچىلىكنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئاممىنىڭ كىرىمنى سىجىل ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان خەلقنى بېيىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كەسپىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. سۇ بايلىقىغا دائىر خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇنى ئىلمىي تىزگىنلەپ، سۇنى بىرتۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇپ، سۇنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، يىرىك شەكىلدىكى سۇ ئىشلىتىش شەكلىدىن سۇنى تۈجۈپىلىك تېجەپ ئىشلىتىش شەكلىگە بۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە دائىر خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا دائىر خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتتىن ھاياتىي كۈچ ئېلىش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىش، ئۈنۈم ئېلىش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىغا دائىر خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ بازار سۇبيېكتلىرى ئۈچۈن باغلاقنى بوشىتىپ يول ئېچىش، كارخانىلار ئۈچۈن يۈكنى يېنىكلىتىپ پايدا يەتكۈزۈش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە زېھنىي كۈچنى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشكە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

جاۋ چۇڭجيۇ، ۋەن خەيچۈەن قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.