ئەركىن سودا رايونى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ 102 تۈرلۈك تەجرىبىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەمەلىيلەشتى

日期:2019年09月10日
来源:新疆日报
【字体:

9- ئاينىڭ 6- كۈنى، شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا يېمەكلىك تەتقىقات - تەرەققىيات مەركىزى (چەكلىك شىركىتى) ئىشلەپچىقارغان 300 توننا شوخلا قىيامى ۋە لازا قىيامى ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىن چىقىرىلىپ، ئېكسپورت قىلىشقا تەييارلاندى. «بۇ يىلدىن باشلاپ، ماللىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە ئاۋۋال رايوندىن چىقىرىپ، ئاندىن تاموژنا رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىش يولغا قويۇلدى، بۇ، مال تىرانسپورت ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى» دېدى شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا يېمەكلىك تەتقىقات - تەرەققىيات مەركىزى (چەكلىك شىركىتى)نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى جاڭ شەنگۇاڭ.

«ئاۋۋال رايوندىن چىقىرىپ، ئاندىن تاموژنىغا مەلۇم قىلىش» ئاپتونوم رايونىمىز كۆپەيتىپ كېڭەيتكەن ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنىڭ بىرى. ھازىرغىچە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىسىدىن 102 تۈر كۆپەيتىپ كېڭەيتىلدى.

جاڭ شەنگۇاڭ بۇ بىرنەچچە يىلدا شىنجاڭنىڭ سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە نىسبەتەن بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە: ئىلگىرى، شىركەت جەزمەن تاموژنىغا مەلۇم قىلىش خادىمىدىن ئىككىنى مەخسۇس رەسمىيەت بېجىرىشكە ئورۇنلاشتۇراتتى، بىر يەككە كەسىپنى رايوندىن چىقىرىشتىن تارتىپ چېگرادىن چىقارغىچە، پۈتۈن جەرياندا تۆت - بەش سائەتكىچە مەشغۇلات قىلىپ بېجىرىشكە توغرا كېلەتتى. ھازىر خەلقئارا سودا يەككە كۆزنىكىدە ئىلتىماس قىلىدىغان بولدۇق، پۈتۈن مۇساپىنى قەغەزسىزلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغاچقا، پەقەت بىر سائەتتىلا بېجىرىپ بولغىلى بولىدۇ. جاڭ شەنگۇاڭ مۇخبىرغا مۇنداق ھېسابات قىلىپ بەردى: پەقەت بۇلتۇر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان تۈرلۈك تالون - ئىسپاتلارنىڭ خىراجىتىلا 30- 20 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، ئادەم كۈچى مائاشى، ۋاقىت تەننەرخى ھەمدە يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ تۈرلۈك خىراجەتلىرى قاتارلىقلار تېخى بۇنىڭ سىرتىدا.

2018- يىلى ئاپتونوم رايون «پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلاردا دېڭىز بويىدىكى ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەجرىبىلىرىنى كۆپەيتىپ كېڭەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا دېڭىز بويىدىكى ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى كۆپەيتىپ كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار قائىدىلەرگە توغرىلىنىپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ۋە جۇڭگو تەرەپ يۈرۈشلەشكەن رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارغا تېخىمۇ زور ئىسلاھاتتا ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقى بېرىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق ئۈرۈمچى - سانجى تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش 3- بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى سۇڭ ۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ بىرنەچچە يىلدا، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باغچە رايونىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەركىن سودا رايونىنىڭ تاموژنىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى كۆپ تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىلىرىنى كۆپەيتىپ كېڭەيتتى، بۇ «ئاۋۋال رايوندىن چىقىرىپ، ئاندىن تاموژنىغا مەلۇم قىلىش»، «كارخانا ئىناۋىتىنى باشقۇرۇش» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، يەنە ئالاقىدار مېخانىزملار داۋاملىق ئىزدىنىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.