11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى باشلىنىدۇ

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇسابىقىنىڭ سەككىز تۈرىگە قاتنىشىدۇ

日期:2019年09月09日
来源:新疆日报
【字体:

11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە جېڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 13 مىللەتتىن بولغان 119 كىشى قويۇق ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە سەككىز تۈرگە قاتنىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇسابىقە تۈرى بەش: چامباشچىلىق، ئىلەڭگۈچ، بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش، مىللىيچە چېلىشىش، مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكىسى؛ ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى ئۈچ: دارۋازلىق، سارغايدى (بوشلۇقتا پىرقىراش)، مەررە توپ.

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى جۈرئەت قاسىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىن بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان مۇسابىقە ۋە ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىنىڭ ھەممىسى ئىنچىكە تاللاشتىن ئۆتكەن بولۇپ، بىر قىسىم تۈرلەر ئەسلىدىنلا ئۆزئارا ياردەم بېرىش - ھەمدەم بولۇشتەك كوللېكتىۋىزملىق روھقا ئىگە، مەسىلەن، مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكىسى، بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش، چامباشچىلىق قاتارلىق تۈرلەر. ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بۇ كۆزنەك ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاكا - ئىنى، ئاچا - سىڭىللارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ دوستانە ئۆتۈش ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك روھىي قىياپىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان 34 ۋەكىللەر ئۆمىكى، 56 مىللەتتىن تەخمىنەن 7000 تەنھەرىكەتچى 17 مۇسابىقە تۈرى، 194 ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىگە قاتنىشىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان خېنەن مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكىسى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ 18 كوماندا ئەزاسى ئىچىدە ئون كىشى شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر، قازاق ياكى خۇيزۇ ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جېڭجوۋ شەھەرلىك 7- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار. ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچى ئىپارقىز ئەمەر مۇنداق دېدى: «مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكىسى ھەرىكىتىگە نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئامىلى سىڭدۈرۈلگەن، مەن خېنەن كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىمەن».