دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزىتىشنى تۇتۇش  خىزمەتنى ئالغا سىلجىتىپ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش

日期:2019年08月15日
来源:新华网
【字体:

ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىغا دائىر يۈرۈشلۈك زىيارەت

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەلرايىنى ئىگىلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تېپىپ، ھەقىقىي مەسىلىلەرنى تېپىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش

باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ مەسىلىلەرنى بايقاشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىزمەت پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

لوپ ناھىيەسىنىڭ قىزىل كۆۋرۈك ئولتۇراق رايونى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى ئاھالە روزىگۈل تۇرسۇننىياز يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

«بىز بۇ قېتىم ئاساسلىقى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتە يەنە قانداق قىيىنچىلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كەلدۇق، بىز ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ بېرىدىغان يەنە قانداق تەلىپىڭىز بار» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى گاۋ چياڭ سەمىمىيلىك بىلەن.

روزىگۈلنىڭ نۆۋەتتە مۇقىم كىرىمى يوقلۇقىنى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرماقچى بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى مەھەللىگە كېلىپ، بىرلىكتە ئۇنىڭ ئۈچۈن چارە ئىزدىدى. ئاھالە كومىتېتىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، روزىگۈل لوپ ناھىيەسىدىكى بىر كىيىم - كېچەك پىششىقلاش زاۋۇتىدىن خىزمەت تاپتى. «تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەن رەسمىي ئىشقا چۈشسەم بولىدۇ، يۈرىكىمدىكى بۇ تاش ئاخىرى ئېلىۋېتىلدى» دېدى روزىگۈل خۇشال ھالدا.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش، كونا ئۆيلەرنى چېقىش، ئېنېرگىيەلىك توك يەتكۈزۈلمىگەن مەمۇرىي كەنتلەرنى توك بىلەن تەمىنلەش ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىدىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، كۆپ قېتىم ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، كوللېكتىپ سۆھبەتلىشىش، ئايرىم سۆزلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پىكىر ئېلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش تەدبىرى ئۈستىدە ئىزدەندى. «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى بىر قىسىم كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىغا قارىتا، بىز شۇ جاينىڭ كۆچۈرۈش نۇقتىلىرىنىڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشىگە ياردەم بېرىپ، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىۋاتىمىز.» دېدى گاۋ چياڭ.

گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قايتا ئويلانغاندا، ئاڭلىق ھالدا قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىش، ئۆلچەمگە توغرىلىنىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نازارىتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز زاپىسىنى ئاشۇرۇپ ئېنېرگىيەنى كېڭەيتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەۋپ - خەتىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، نېفىت، تەبىئىي گاز زاپىسىنى ئاشۇرۇپ، ئېنېرگىيەنى كېڭەيتىشتىكى نۇقتىلىق ئورۇنلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئاساسىي قاتلامدىكى كارخانىلارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى، بولۇپمۇ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرگە قارىتا، بىر - بىرلەپ مەسىلە تىزىملىكى تۈزۈپ چىقىپ، جەمئىي تەكشۈرۈپ كۆزىتىلىدىغان مەسىلىدىن 18نى رەتلەپ چىقىپ، يەتتىنى دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال ئۆزگەرتتى، 11نى مۆھلەت بەلگىلەپ تۈزەتتى.

ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، پەرقلەرنى تېپىپ، چارە ئىزدەپ، تەدبىر قوللىنىپ، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىدىن ئەقىل سورىدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى سورىدى.

«تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىز پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئىلھام بېرىش جەھەتتە يەنە تېخىمۇ كونكرېت تەدبىرلەرنى تۈزۈش، جۈملىدىن پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش، پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە قانداق ئىلھام بېرىش قاتارلىقلارنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشقىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتۇق.» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش ۋە پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ يۈ.

پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى كۆپلىگەن تارماق، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئون نەچچە كارخانىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پەن تەتقىقات 1- سېپىدىكى 100گە يېقىن خادىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەم باش تېما تەربىيەسىنىڭ دەرھال ھەرىكەتلىنىپ دەرھال تۈزىتىش تەلىپى بويىچە تۈزىتىش تىزىملىكى تۈزۈپ چىقتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مۇتەخەسسىس مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى ئىشخانىسى تەدبىر بەلگىلەش مەسلىھەتچىلىكى خىزمىتى ۋە يېڭى تىپتىكى ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار يېڭى تىپتىكى ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇتەخەسسىس مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى ئىشخانىسىغا ئىچكى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىلەن ئالاقىلىشىپ، تەدبىر بەلگىلەش مەسلىھەتچىلىكى خىزمىتىگە ئورتاق قاتنىشىش؛ تېما تاللاش، توپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ئۇنىۋېرسال تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەش مەسلىھەتچىلىكى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تەدبىر بەلگىلەش مەسلىھەتچىلىكى ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، «شىنجاڭنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېخنىكا ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشى»دىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، سانجى شەھىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش رايونى، «200 + 50» كارخانىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئوبيېكتى، «قىيىنچىلىقى بار نۇقتىلىق كارخانىلار، نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈشكە تېگىشلىك تۈرلەر ۋە كارخانىلار»نى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى رەتلەپ ئانالىز قىلدى ھەم بىر قىسىم مەسىلىلەرگە نەق مەيداندا جاۋاب بەردى ۋە ئىنكاس قايتۇردى.

قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ قاتتىق تەدبىر قوللىنىش

8- ئاينىڭ 5- كۈنى، شىخەنزىدە ئولتۇرۇشلۇق ۋۇ تاۋ ئۈرۈمچىگە ئىش بېجىرگىلى كېلىپ، ئۈرۈمچى يېڭى ۋوگزالىدىن چىققاندا، بەزى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى بايقىدى. «ئىلگىرى پويىزدىن چۈشكەندىن كېيىن خېلى ئۇزۇن يول يۈرۈپ، ئاندىن ئۆزىمىز ئولتۇرماقچى بولغان يولنىڭ ئاپتوبۇسىغا ئولتۇراتتۇق، ھازىر يولدىن ئۆتسىلا ئاپتوبۇسقا چىققىلى بولىدىكەن، بەك قولايلىق بوپتۇ. خەلققە قولايلىق بۇ مۇلازىمەت تەدبىرىگە ئاپىرىن!» دېدى ۋۇ تاۋ.

كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، چوڭقۇر سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، تولۇق تەھلىل قىلىپ، تۈزىتىشنى توغرا نىشان بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى دىققەتنى ئۈرۈمچىدە ئاپتوموبىل يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ سانى كۆپ بولۇش، بىرلەشتۈرۈش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، 7- ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى يەتتە يولۇچى توشۇش بېكىتىدە بىر شەھەردە يۈكلۈك بىرلەشمە تىرانسپورت بويىچە ئاپتوبوس ماڭغۇزۇشنى يولغا قويۇپ، ئىلگىرىكى يولۇچى تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىرلا يولۇچى توشۇش بېكىتىگە كىرىپ يولۇچى بېسىشىغا رۇخسەت قىلىش بەلگىلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يولۇچىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى ئاپتوموبىل يولۇچى توشۇش بېكىتىنى تاللاپ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق ياراتتى. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى بىر شەھەردە يۈكلۈك بىرلەشمە تىرانسپورت بويىچە ئاپتوبوس ماڭغۇزۇشتا 20 لىنىيەنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

8- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى يەنە بىر قېتىم بىر شەھەردە يۈكلۈك بىرلەشمە تىرانسپورت بويىچە ئاپتوبوس ماڭغۇزۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. «بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، بىز يەنە بەزى ئىنچىكە مەسىلىلەرنى بايقىدۇق، مەسىلەن، ئىككى يولۇچى تىرانسپورت بېكىتى ئارىسىدىكى بېلەت سېتىش ئۇچۇرى ماس كەلمىگەچكە، ياخشى تۇتاشتۇرۇلمىغاچقا، بېلەتنىڭ تەكرار سېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يولۇچىلارغا بەلگىلىك قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن.» ئاپتونوم رايونلۇق يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسى يولۇچى توشۇشنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ نەن مۇنداق بىلدۈردى: بىز باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى خىزمەتنى ئالغا سىلجىتىش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا گەۋدىلەندۈرۈپ، شەھەرلەر ئارا بىرلەشمە توردا بېلەت سېتىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىل بېكەتلىرى بىلەن يولۇچى تىرانسپورت كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىمىز.

شىنجاڭ تەمىنات - سودا مەبلەغ سېلىش (پاي كونترول) گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومى ئاپتونوم رايون بېكىتكەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىكى 12 مۇھىم نۇقتىغا سېلىشتۇرۇپ، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تەكشۈرۈپ كۆزىتىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تەكشۈرۈپ كۆزىتىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تەكشۈرۈپ كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش ئارقىلىق تەكشۈرۈپ كۆزىتىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۆزى ئىزدەش، ئامما ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار كۆرسىتىپ بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كەڭ دائىرىدە پىكىر - تەكلىپ ئالدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا، ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىرىنى دەرھال بېجىردى، دەرھال ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىرىنىڭ ھەل قىلىش ۋاقىت چېكى ۋە تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى، باسقۇچلۇق نىشان بېكىتىپ، قويۇۋەتمەي چىڭ تۇتۇپ، سىجىل تۈزەتتى. ئىگىلىنىشىچە، گۇرۇھ شىركەت پارتكوم بەنزىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بەش جەھەتتىكى مەسىلىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان، تەكشۈرۈپ كۆزەتكەن، بەنزە ئەزالىرى 11 جەھەتتىكى مەسىلىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان، تەكشۈرۈپ كۆزەتكەن، تۈرلۈك پىكىر - تەكلىپتىن 61نى توپلىغان. گۇرۇھ شىركىتى پارتكومى بۇ مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇۋېتىپتۇ.