ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىدە 32 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى

日期:2019年08月15日
来源:新华网
【字体:

بۇ بىرقانچە كۈندە، بۇرچىن ناھىيەسى چۇڭقۇر بازىرى قىزىلقايىڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بايتاق نۇرباي تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بۇ يىل قاناس مەنزىرە رايونىغا كەلگەن ساياھەتچى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپ بولدى، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئاچقان پۇقراۋى قونالغۇ كۈندە دېگۈدەك لىق تولدى. «قارىغاندا، بۇ يىل 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل تېپىشىمدىن گەپ يوق ئوخشايدۇ.» بايتاقنىڭ خۇشاللىقتىن ئېغىزى قۇلىقىغا يەتتى.

قىزىلقايىڭ كەنتى قاناس مەنزىرە رايونىغا بېرىشتا چوقۇم ئۆتىدىغان يولغا جايلاشقان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئىلگىرى كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بۇ ئىككى يىلدا، كەنت ئاھالىلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىدەك ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەپەككۇر يولىنى ئۆزگەرتىپ، بەس - بەستە پۇقراۋى قونالغۇ، دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ، ساياھەتتىن ئىبارەت بۇ «ئالتۇن تاۋاق»قا تايىنىپ، كۈنلىرىنى كۈندىن - كۈنگە ياخشى ئۆتكۈزدى.

«پۈتۈن ناھىيەدە ھازىر 137 مېھمانساراي، مېھمانخانا، 476 پۇقراۋى قونالغۇ بار، ساياھەتچىلىك كەسپى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.» بۇرچىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يې سۇچىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى ساياھەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سانى 17 مىڭ ئادەمگە يېتىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملار ئومۇمىي سانىنىڭ %43ىنى ئىگىلىگەن.

مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ئالتۇن مەزگىلگە كىرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىدىغان مۇھىم يولغا ئايلاندى، بارغانسېرى كۆپلىگەن دېھقان - چارۋىچىلار ساياھەتچىلىكنىڭ تامىقىنى يەپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىغا ماڭدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز قونالغۇ، يېمەك - ئىچمەك، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى ئېچىش، يېزا - كەنت ساياھىتى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق يېڭىدىن 32 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %80ىنى تاماملىغان.

ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ گۈللىنىشى «ساياھەتچىلىك + نامراتلارنى يۆلەش» بوشلۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنىڭ يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەنزىرە رايونىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، كەچلىك بازاردا يايما يېيىش، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى ۋە يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ، يەرلىكتىكى زور بىر تۈركۈم نامرات ئاھالە ۋە يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەل قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ناھىيە يېزا - كەنت ساياھىتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن 11نى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىك كەسپى ئارقىلىق پۈتۈن ناھىيەدىكى 2000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىۋاتقان يېڭى يۈزلىنىشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. ئالتاي ۋىلايىتى تۇنجى ئالىي كەسپىي شۆيۈەنى قۇردى، ساياھەت باشقۇرۇش، مېھمانساراي باشقۇرۇش قاتارلىق ئالتە كەسىپنى تەسىس قىلىپ، ئاساسلىقى ساياھەت كەسپى بويىچە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىمەكچى، بۇ يىل 600 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى؛ فۇكاڭ تېخنىك شۆيۈەنى ساياھەت كەسپىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىپلا قالماي، يەنە جەمئىيەتكە پائال يۈزلىنىپ ساياھەتچىلىك كەسپى كارخانىلىرى خىزمەتچىلىرىنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، 2018- يىلى 2000دىن ئارتۇق ئادەم قېتىمنى تەربىيەلىدى؛ خوتەن تېخنىك شۆيۈەنى 80دىن ئارتۇق مېھمانساراي، يېمەك - ئىچمەك ساياھەت مۇلازىمەت كارخانىسى بىلەن مەكتەپ - كارخانا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىلگىرى سۈردى.

«بۇنىڭدىن كېيىن، بىز سىياسەت، مۇلازىمەت، تەربىيەلەش جەھەتتە ئۇنىۋېرسال كۈچەپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ما جيەنيۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىك بويىچە كەسپىي تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى قاتارلىقلارنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.