سىز ۋە ماڭا مۇناسىۋەتلىك بۇ خەلق ئىشلىرى قىيىن مەسىلىسى سۈرۈك ئىچىدە ھەل قىلىنىدۇ

日期:2019年08月15日
来源:天山网
【字体:

2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يۆتكەش، داۋاملاشتۇرۇش كەسپىنى توردا بېجىرگىلى بولىدۇ

ئۇزۇندىن بۇيان، ئىشچى - خىزمەتچىلەر رايون ئاتلاپ كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش رەسمىيىتى كۆپ ھاللاردا بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ۋاقىت ۋە كۈچ ئىسراپ بولىدىغان بىر چوڭ قىيىن نۇقتا بولۇپ قالدى.

لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شەخسىي ھوقۇق - مەنپەئەت خاتىرىسىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئۆز ئالدىغا ئىسپات بېرىش، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ھېسابلاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى قوللىنىش ھالىتىنى سۈرۈشتۈرۈش»قاتارلىق «بىر بىكەتلىك» ئىقتىدارلارنىئىشقا ئاشۇرۇپ،ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى سالاھىيىتىنى مەركەزلىك ئىسپاتلاشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش كەسپىنى توردا بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

توردا بېجىرىلگەندىن كېيىن، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يۆتكەش، داۋاملاشتۇرۇش تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ، شەخسلەرنىڭ ئۇياق - بۇياققا قاتراش ئاۋارىچىلىقى زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ.

2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، بانكا كارتىسىنى بىكار قىلىش ۋە باشقا جايدا تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ

لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سودا بانكىسىنىڭ مۇلازىمەتنى ياخشىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بانكا كارتىسىنى بىكار قىلىش ۋە باشقا جايدا رويخەتتىن ئۆچۈرۈش قىيىن بولۇش، «ئۇيقۇدىكى كارتا»نىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئېنىق بولماسلىق قاتارلىق ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان بىر تۈركۈم مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، مال- مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى تېز ھەل قىلىش كېرەك.

2020 - يىلى 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئىسپات ئىشلىرىنى ئۇقتۇرۇپ ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك

«غەلىتە» ئىسپات، ئايلانما ئىسپات، تەكرار ئىسپات قاتارلىق «ئىسپاتلاش قىيىن مەسىلىسى» ئۇزاق مۇددەت ئاممىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، نامدىكى تۈرلۈك ئىسپاتلارمۇ ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتتى.

لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020 - يىلى 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىسپات ئىشلىرىنى ئۇقتۇرۇپ ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىسپات بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان «ئۇنىۋېرسال ئاھالە كومىتېتى»، «مەھەللە ئۇنىۋېرسال بابى» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە سۇ، توك، گاز، پار قاتارلىقلاردىن ھەق ئېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك

لايىھەدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى : مونوپول خاراكتېرىنى ئالغان بەزى توك، سۇ، گاز، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق كەسپىي ئورۇن ۋە دوختۇرخانا، بانكا قاتارلىق مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى بازار سوبيېكتلىرى ۋە خەلق ئاممىسىغا قولايلىق يارىتىشنى چىقىش قىلىپ، تۇرۇبا سۈيى، توك، پار بىلەن تەمىنلەش كەسپىنى بېجىرىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ،A P P ئىش بېجىرىش، كۆچمە چىقىم قىلىش قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇشى كېرەك.

لايىھەدە 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن سۇ، توك، گاز، پار قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەق ئېلىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرسال پىكىرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىشى كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.