قان - تەرى ۋە چىن مۇھەببىتىنى خوتەننىڭ بىپايان تۇپرىقىغا چېچىش

日期:2019年08月14日
来源:天山网
【字体:

− بېيجىڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، خوتەن ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ رۇي توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى داۋجۇڭ

8- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى ئىناقلىق يېڭى كەنتىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خوتەن ۋىلايەتلىك دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا باغچىسىنىڭ باشلامچى رايونىدا تۈرلۈك زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. شۇ كۈنى، قۇدۇقتىن ئازراق چاتاق چىقتى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر جاڭ رۇي دەرھال ئىشچى تېپىپ كېلىپ رېمونت قىلدۇردى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن ئىككى يېرىم يىلدا، جاڭ رۇينىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى باغچە رايونىدا ئۆتتى.

2017- يىلى 2- ئايدا، بېيجىڭ شەھەرلىك دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى جاڭ رۇي 9- تۈركۈمدە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىدىكى كەسپىي تېخنىكا ئىختىساس ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خوتەن ۋىلايىتىگە كەلدى. شىنجاڭغا كەلگەندىن بۇيان، جاڭ رۇي خوتەنگە رىشتە باغلاپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى پۇقرالارنى دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى كۆڭلىگە چىڭ پۈكتى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئېلىش

ياڭاق ئۆستۈرۈش خوتەن ۋىلايىتىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ بىرى. ياڭاق ئۆستۈرۈش كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان جاڭ رۇي ياڭاقنىڭ پەرۋىش ئەھۋالىنى ئارقا - ئارقىدىن چوڭقۇر تەكشۈردى ھەم ياڭاق پەرۋىش قىلىش، سورتنى يېڭىلاش، سېتىش ئانالىزى قاتارلىق مەزمۇنلاردا لېكسىيە سۆزلەشنى ۋە ئېتىز مەشغۇلاتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى دائىم قانات يايدۇردى. ئۇ ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، ئىككى يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ياڭاق ھوسۇلى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، دېھقانلارنىڭ ياڭاقتىن قىلغان كىرىمىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

قاراقاش ناھىيەسى توخۇلا يېزىسىنىڭ باراتلا كەنتى خوتەن ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسى 2018- يىلى نىشانلىق ياردەم بەرگەن - يۆلىگەن ئېغىر نامرات كەنت. پۈتۈن كەنتتىكى 400دىن ئارتۇق ئائىلە ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە %60تىن ئارتۇق بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل ئىدى، جاڭ رۇي كۆپچىلىك بىلەن بىللە بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى. جاڭ رۇينىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، خوتەن ۋىلايەتلىك دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا باغچىسى زاۋۇتلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقارغان ئارپا مايسىسى ئېسىل يەم - خەشىكى باراتلا كەنتىگە ئالتە تۈركۈمدە 50 توننا يەتكۈزۈلۈپ، كەنتتىكى نامرات باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگە ھەقسىز بېرىلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، جاڭ رۇي يەنە نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 1000 غاز چۈجىسى ۋە 5000 تۈپ كۆكتات مايسىسىنى ماسلاشتۇرۇپ باراتلا كەنتىدىكى نامرات ئائىلىلەرگە ھەقسىز تارقىتىپ بەردى ھەم كەسپىي خادىملارنى تېپىپ كېلىپ دېھقانلارنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەپ، كەنتتىكى ئارزۇسى بار نامرات ئائىلىلەرنى باقمىچىلىق قىلىش ۋە كۆكتات تېرىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. جاڭ رۇينىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى نامراتلارنى يۆلەش كۈچلىرى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، 2018- يىلىنىڭ ئاخىرى، باراتلا كەنتىنى پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇردى.

قۇملۇقتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش

خوتەن ۋىلايىتى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، قۇملۇقتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، جاڭ رۇي بۇيرۇققا بىنائەن ئىگىلىگەن يېرى 1100 مو كېلىدىغان خوتەن ۋىلايەتلىك دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا باغچىسى باشلامچى رايونىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى. ئۇ پەقەت بىر يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، بىر دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك باغچە رايونى قۇرۇپ چىقتى. نۆۋەتتە، باغچە رايونى پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش پەن - تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش بازىسى ۋە يېزىلاردىكى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرى مەبلەغ سالىدىغان، دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان، ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرىدىغان بازا بولۇپ قالدى.

باغچە رايونى قۇملۇققا قۇرۇلغان بولۇش، تۇپراقتىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى بىرقەدەر ئاز بولۇش ئەمەلىيىتىگە قارىتا، جاڭ رۇي ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن قايتا - قايتا سىناق قىلىپ، ئاخىر قۇم، كوكۇس شاكىلى ۋە قوي قىغىنى نىسبەت بويىچە قايتا تەڭشەپ، قۇم تۇپراقنى يۇقىرى ھوسۇللۇق تۇپراققا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، زىرائەتلەرنىڭ ھوسۇلىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

شۇ جايدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ خەۋپ - خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش تەجرىبىسى ئاز بولۇش قاتارلىق ئەمەلىيەتكە قارىتا، جاڭ رۇي كارخانىلار بىلەن بىللە «مۇتەخەسسىس + دېھقان ئائىلىسى + شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى» تولۇق ھاۋالىلىك باشقۇرۇلىدىغان كارخانىلاشقان مەشغۇلات ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. 8- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باغچە رايونى بىر تۈركۈم مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. ئۇلار تەجرىبە ئۆگەنگىلى كەلگەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە يېزا - بازار كادىرلىرى ئىدى. جاڭ رۇي ناھايىتى خۇشال بولۇپ، كۆپچىلىككە قۇملۇقتا بۆلجۈرگەن قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، باغچە رايونىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رولى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتىنى باغلاش

2017- يىلى جاڭ رۇينىڭ خوتۇنى خاۋ ۋاڭخۇڭ خوتەنگە تۇغقان يوقلاپ كەلدى، جاڭ رۇي بىلەن بىللە نىيە ناھىيەسىگە بېرىپ ئۇنىڭ ئۇيغۇر قوشماقلاشقان تۇغقىنىنى يوقلىغاندا، خاۋ ۋاڭخۇڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. جاڭ رۇينىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن پېنسىيەگە چىققان خاۋ ۋاڭخۇڭ قەتئىيلىك بىلەن خوتەنگە كېلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تىزىملاتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەر - خوتۇن ئىككىسى نەچچە ئايدا بىر قېتىم بىللە 300 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نىيە ناھىيەسى سالغۇزەك يېزىسىنىڭ خادا تىكەن كەنتىگە بېرىپ تۇغقىنىنى يوقلاپ تۇردى.

قوشماقلاشقان تۇغقىنىنىڭ كىچىك نەۋرىسى ئادىلە ئادىل بىلەن بېيجىڭدىن كەلگەن بوۋا - مومىسى بەكمۇ ئېجىل. ئادىلە مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 8- ئايدا، بېيجىڭدىن كەلگەن بوۋام - مومام دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ مېنى بېيجىڭغا ئېلىپ باردى. بېيجىڭدا ساياھەت قىلغان ھەربىر كۈن ئېنىق ئېسىمدە.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەزگىلىدە، جاڭ رۇي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «پايتەخت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئىلغار شەخس» «پايتەخت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى مۇكاپاتى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «خوتەن ئەر - خوتۇن ئىككىمىزنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەزگىلىدىكى ئۈچ يىللىق ئائىلىمىزلا ئەمەس، بەلكى مەڭگۈ ئېسىمىزدىن چىقمايدىغان ئىككىنچى يۇرتىمىز، بىز خوتەن خەلقىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە تىرىشىپ ياردەم بېرىشنى خالايمىز!»