ئاپتونوم رايون ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى ۋە ساياھەت رايونى ھاجەتخانىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى

日期:2019年08月08日
来源:天山网
【字体:

ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى ۋە ساياھەت رايونى ھاجەتخانىسى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى بىر ئاي ئىچىدە پىلان بويىچە تاماملىنىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىليۇ يى، ياۋ گاڭخەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئاپتونوم رايون ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى ۋە ساياھەت رايونى ھاجەتخانىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى ۋە ساياھەت رايونى ھاجەتخانىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر پۈتۈن ئاپتونوم رايون ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلىگە كىردى، ساياھەتچىلەرنىڭ ھاجەتخانىغا كىرىش قىيىن بولۇش، ياتاقتا يېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىلىرىگە بولغان ئىنكاسى بىرقەدەر كۈچلۈك، بۇ ئىككى تۈرلۈك خىزمەتنى ياخشى تۇتۇش ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشتا تولىمۇ تەخىرسىز، ئىنتايىن مۇھىم.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە قاتتىق كۈچەپ، يېشىل يول ئېچىپ، تەرتىپلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تېز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالمىغان، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلار، قىلىدىغاننى قىلمىغان، سۆرەلمىلىك قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا قاتتىق كۈچەپ، ۋەزىپە تىزىملىكى تۈزۈپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ باشقۇرۇپ، ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى ۋە ساياھەت رايونى ھاجەتخانىسى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى جەزمەن بىر ئاي ئىچىدە سۈپەت، سانغا كاپالەتلىك قىلغان ھالدا تاماملىشى كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشقا قاتتىق كۈچەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پائال ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. خىزمەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ۋە كەسىپكارلار، بولۇپمۇ دېھقان - چارۋىچىلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلىگە كىردى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار كەلكۈن مەزگىلىدە بىخەتەر يول يۈرۈشتىكى ئەسكەرتمە، ئەسكەرتىشلەرنى ۋاقتىدا ياخشى قىلىپ، قاراتمىلىق ھالدا كەلكۈن مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.