مەركەز نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2019年08月08日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايون قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 7- قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى

مەركەز نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەنخەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئاپتونوم رايون قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 7- قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە ئاپتونوم رايوننىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، «ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش 21- نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان پىكىرلەر بويىچە تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى» تەتقىق قىلىندى، قاراپ چىقىلدى، ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش 21- نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىندى ھەم كېيىنكى يېرىم يىللىق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونىمىز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى خىزمىتىدە مۇھىم، زور باسقۇچلۇق ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش 21- نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى، ئەمما يەنە بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلار ساقلانماقتا. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، مەركەز نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى بايقىغان مەسىلىلەر، ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر - تەكلىپلەر ۋە ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئۆزىنى كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزىتىپ، ھەقىقىي تۈزىتىپ، ئەمەلىي تۈزىتىپ، بىرىنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، كۈچلۈك تۈرلەرنى مۇستەھكەملەپ، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، كۈچلۈك بۇرچ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە قايتىدىن يېڭى بىر نۆۋەت كۈچلۈك ھۇجۇم ۋەزىيىتى قوزغاشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىكتىكى قايتما ئىنكاسنى پۇرسەت بىلىپ، دىققەتنى كۈچەش نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش نۇقتىسىنى تۇتۇپ، كۈچەش نۇقتىسىنى چىڭ كۆزلەپ، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىكتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.