تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە خىزمەت تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ بىڭتۇەندە ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2019年08月08日
来源:天山网
【字体:

بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتى باش تېما تەربىيەسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە خىزمەت تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ بىڭتۇەندە ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىشېن يۈەنگېڭ، جاڭ لېيخەۋەر قىلىدۇ: مەركەزنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، 8- ئاينىڭ 5- كۈنى، بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتى باش تېما تەربىيەسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي سۈن جىنلۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەركەز 6- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك يولداش يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، يېقىنقى مەزگىلدە، بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئادا قىلىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىش ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، تۇەن - چاڭلارغا، باغچە رايونلارغا ۋە ليەندۈي بىرىنچى سېپىگە چۆكۈپ خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئەلرايىنى ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاشنىڭ تەپەككۇر يولى ۋە تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندا، كۆپچىلىك خىزمەت ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچقا سېلىشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەخسۇس تېمىلىرىنى چۆرىدەپ ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلدى، ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا قانداق مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرغانلىقى، قانداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقى توغرىسىدا توختالدى، ھەم چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ تەتقىق قىلىشتىن كېيىن شەكىللەنگەن تەپەككۇر يولى ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەر توغرىسىدا توختالدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىر تۈركۈم سۈپىتى بىرقەدەر يۇقىرى نەتىجىلەر شەكىللەندى، كېيىنكى قەدەمدىكى ئاچقۇچ − تونۇشنى ئۆستۈرۈش، مەسىلىنى ھەل قىلىش، خىزمەتنى ياخشىلاش، ئايلاندۇرۇپ قوللىنىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشتا. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن مۇلاھىزە قىلىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش ۋە ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەقلىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى رەتلەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزىنى تەتبىقلاپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تەتبىقلاپ، خىزمەتنى تەتبىقلاپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، پەرقنى ئومۇميۈزلۈك تېپىپ چىقىش، ئېغىشنى ۋاقتىدا توغرىلاش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ پۇختا تۇتۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى جىپسىلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بايقالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا سۇبيېكتىپلىق مەسئۇلىيەت، سۈرئەت ۋاقىت چەكلىمىسى ۋە خىزمەت تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىردىن - بىردىن ئەمەلىي تۇتۇپ تۈزىتىش كېرەك، بولۇپمۇ ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ بىڭتۇەندە ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش رەھبەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى بىر تۈرلۈك ئاساسىي ماھارەت، باش تېما تەربىيەسىدىكى تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىرنىڭ بىرى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەدبىر بەلگىلەشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش خىزمەت ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىنى ئەينەك قىلىپ، ئاممىنى ئۇستاز تۇتۇپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئويلىغىنىنى، ئالدىرىغىنىنى، ئۈمىد قىلىدىغىنىنى ئىگىلەپ، تەدبىر بەلگىلەشنى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، سىياسەتنى ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش كېرەك. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا قوللانغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى يەكۈنلەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈملەشتۈرۈپ، دائىملاشتۇرۇپ، بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتىدىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىنى، دانا تەدبىرلىرىنى تېپىپ چىقىپ، بىڭتۇەننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە ئۆرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.