باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

日期:2019年08月08日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزدى

باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىيۈەن لېيخەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىلدى.

يىغىندىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچقا سېلىشتۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، كۆزىتىپ، ئانالىز قىلىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزدى.

يىغىندا، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ توققۇز ئەزاسى ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى ھەم پارتىيەنىڭ شانلىق مۇساپىسىنى ئەسلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ھېس قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزى مەسئۇل ساھەدىكى ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن تەخىرسىز مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. پارتگۇرۇپپىنىڭ باشقا ئەزالىرى يازما سۆز تاپشۇردى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى - بۇرچىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار«ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش» نىشان - ۋەزىپىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشتە چىڭ تۇرۇش»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» سەككىز خەتلىك فاڭجېنىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1+3+3+ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»نى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.