61 نەپەر مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى شىنجاڭغا كېلىپ ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى

日期:2019年08月08日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، تيەنجىن، خېبېي، لياۋنىڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردىن كەلگەن 61 نەپەر مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مەملىكەتلىك 1- ماي ئەمگەك نەمۇنىچىسى ئاپتونوم رايونلۇق 2-ئىشچىلار ساناتورىيەسىگە جەم بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 15 نەپەر مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە سۆھبەتلىشىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى جارى قىلدۇردى.

«‹ئەمگەك نەمۇنىچىسى› شان ـ شەرەپ بولۇپلا قالماستىن، ئىش ئورنىنى سۆيۈش، جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداش روھىنى تېخىمۇ كۆپ گەۋدىلەندۈرىدۇ، بىز ئاممىنىڭ ئۈلگىسى بولۇشىمىز كېرەك». خېبېي ئۆلكىسى تاڭشەن شەھىرى كەيلۇەن (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى چيەنجيايىڭ كانچىلىق شۆبە شىركىتىنىڭ قېزىش ماشىنىسى شوپۇرى جاڭ ۋېنشى مۇنداق دېدى: مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئۆزۈمگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشىمەن.

ئىگىلىنىشىچە، تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭغا كەلگەن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ ھەممىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى بىلەن قوشماق بولۇش قاتارلىق ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سانجى، شىخەنزە، تۇرپان قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىكەن.