ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلارغا خادىم قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش تور ئادرېسىدا ئۆزگىرىش بولدى

日期:2019年08月08日
来源:天山网
【字体:

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: مۇشۇ ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار، ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق تارماقلارغا قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار ئاشكارا خادىم قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويغاندا، ئادەم قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغاندىن سىرت، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كېيىنكى سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يېزىقچە ئىمتىھان قاتارلىق ئالاقىدار ئىشلارنى ئېلان قىلمايدۇ.

8-ئاينىڭ 5-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجىتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن،ئادەم قوبۇل قىلىش ئېلانىدىن سىرت،سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ ئېلان قىلىش، يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش، يۈزتۇرانە ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش، قوبۇل قىلىنىدىغانخادىملارنى ئېلان قىلىشتا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى ئۇنىڭ مەسئۇل تارمىقى ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىگە ئەنگە ئالدۇرۇپ ھەمدە ئۇچۇر ئېلان قىلمايدىكەن. ھەرقايسىئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان بەرگۈچى ئورۇنياكى ئۇنىڭ مەسئۇل تارمىقى ھۆكۈمەتتور بېكىتىدە ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىدۇ.

مەسىلەن، يېقىندا ئېلان قىلىنغان قەشقەر داشۆسىنىڭ77كەسپىي ئورۇنغا جەمئىيەتتىن ئاشكارا خادىمقوبۇل قىلىشنى مىسالغا ئالساق، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى (http://www.xjrs.gov.cn) ۋە قەشقەر داشۆسى تورى(www.kstc.edu.cn)دا ئېلان قىلىنغاندىن سىرت، سالاھىيەت تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولغانلارنىڭ تىزىملىكى، يۈزتۇرانە ئىمتىھاننىڭ كونكرېتۋاقتى ۋە تەپسىلىي ئورنى قاتارلىقلار پەقەت قەشقەر داشۆسى تورىدىلائېلان قىلىنىدۇ.