7 - ئايدا شىنجاڭ تۆمۈريولى يولۇچى توشۇشتا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى

日期:2019年08月08日
来源:天山网
【字体:

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يەنخۇڭ، چېن يەن) 7-ئاينىڭ 1-كۈندىن 31-كۈنىگىچە بولغان يازلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بىرىنچى ئېيىدا، ئاپتونوم رايونىمىز تۆمۈريولىدا توشۇلغان يولۇچىلار بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%19.1 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى.

يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدىكى شىنجاڭدا،دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا ئارقا- ئارقىدىن كەلدى، ساياھەت ئېقىمىغا ئوقۇغۇچىلار ئېقىمى، سودا ئېقىمى قوشۇلۇپ، تۆمۈريول يولۇچىلار ئېقىمى داۋاملىق كۆپەيدى.

كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان شىنجاڭ تۆمۈريول قاتناش تورى، ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان پويىزلارنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش، ساياھەتكە چىقىشتىكى ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندۇردى.