ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى

شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2019年07月03日
来源:新疆日报
【字体:

6- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مەخسۇس يىغىن ئاچتى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9- نۆۋەتلىك 7- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشكە قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9- نۆۋەتلىك 7- ئومۇمىي يىغىننى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ، ھەل قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قىيىننىڭ قىيىنىغا ھۇجۇم قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك قىلغانلىقى، ئورۇنلاشتۇرما قىلغانلىقى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك قەتئىي ئېتىقادى ۋە كۈچلۈك ئىشەنچىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى بۇزىدۇ، پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزىدۇ، ئاممىۋى بايلىقنى ئىسراپ قىلىدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىنى يەردە قويىدۇ، پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى چوڭ دۈشمەن، جەزمەن «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى»دىكى تۈرلۈك تەلەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناتوغرا ئىستىللارغا قىلچە تەخىر قىلماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن قارشى تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى سىياسىي جەھەتتىن چوڭقۇر تونۇپ، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچقا سېلىشتۇرۇپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، ئىدىيە يىلتىزى مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تۈزىتىشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، دەل جايىدا يېتەكچىلىك قىلىشنى يولغا قويۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىكى بايقالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى كۆزىتىپ تۈزىتىش، قىيىنغا تېگىش قىلىپ تۈزىتىش، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزىتىش، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش، ھەممە ئىشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە، ھەممە ئىشتا ئىنكاس قايتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەمئىيەت نازارەت قىلىش، ئامما نازارەت قىلىش، ئاخبارات ئاممىۋى پىكرى نازارەت قىلىش، مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەيەرگە بارسا، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئەگىشىپ شۇ يەرگە بېرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا يوشۇرۇنغۇدەك جاي قويماسلىق كېرەك. تۈرلۈك باھالاش، باھا بېرىش، تەدبىر بەلگىلەش خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ پەيدا بولۇپ يامرىشىنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش كېرەك.