ئۈرۈمچى-قاناس-شىئەن لىنىيەسىدە 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قاتناش باشلىنىدۇ

日期:2019年06月24日
来源:天山网
【字体:

ئۆز خەۋىرىمىز: 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى-قاناس-شىئەن لىنىيەسىنى ئېچىپ، يازلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدۇ.

ئۈرۈمچى-قاناس-شىئەن لىنىيەسىنىڭ UQ2555 نومۇرلۇق تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلانى سائەت 07:00دە ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، سائەت 08:25تە قاناس ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ، سائەت 09:15تە قاناس ئايرودۇرۇمىدىن قوزغىلىپ، سائەت 13:35تە شىئەن شيەنياڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ. قايتىش سەپىرىدە UQ2556 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 14:55تە شىئەن شيەنياڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن يولغا چىقىپ، سائەت 19:20دە قاناس ئايرودۇرۇمىغا كېلىدۇ، سائەت 20:40تا قاناس ئايرودۇرۇمىدىن قوزغىلىپ، سائەت 22:05تە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ.