2019- يىللىق شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىلىم - پەن يىللىق يىغىنى ئېچىلدى

日期:2019年06月21日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

مۇخبىرلىرىمىز شۈ چىڭگۇاڭ، لى خەييەن خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، شىنجاڭ داشۆسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2019- يىللىق شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىلىم - پەن يىللىق يىغىنى شىنجاڭ داشۆسىدە ئېچىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى، سىياسەت - تەدبىرلىرى، نىشان - ۋەزىپىلىرى ۋە خىزمەت تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چىڭ ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەننىڭ «يىلتىزنى پەرۋىش قىلىپ روھنى تاۋلاش» بۇرچ - ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشى؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، «سەلتەنەتلىك 70 يىل . كۈرەشچان يېڭى دەۋر» «مەن ۋە ۋەتىنىم» قاتارلىق باش تېما تەربىيەسى پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 3- ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش»تىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى زىچ چۆرىدەپ، «ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، <زېھنى ئوچۇق، ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، قەلىمى كۈچلۈك بولۇش>نى كۈچەيتىش ـــ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چاغانلىق چوڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، يىللىق يىغىننى يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان.