ئاپتونوم رايونىمىز 2019-يىلى «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىدىن 1800نى قوبۇل قىلىدۇ

日期:2019年06月24日
来源:天山网
【字体:

مۇخبىرىمىز ما بېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى «ئۈچكە ياردەم بېرىپ، بىرنى يۆلەش» پىلانى بويىچە قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىدىن 1800نى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاساسىي قاتلاملاردا مائارىپ، يېزا ئىگىلىكى، داۋالاش ۋە نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ياردەم بېرىدۇ.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىللىق قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى ئۈچ يىل (2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە) كەسپ تاللاش مەزگىلىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىكەن.

قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى چوقۇم ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرسىدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى، خىزمەت ئورنى ئېھتىياجلىق بولغان كەسپىي بىلىملەرنى ئىگىلىگەن بولۇشى كېرەك ئىكەن؛ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىدىكەن.مەركەزلىك تەكشۈرۈش، يېزىقچە ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش قاتارلىق ھالقىلاردىنكىيىن، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 9-ئايدا ئىش ئورنىغا چىقىدىكەن، مۇلازىمەت مۇددىتى ئىككى يىل بولىدىكەن.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىشى؛ يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش، داۋالاش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە تىزىملاتقان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەن كەسپى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، سۇچىلىق ياكى داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى؛ نامراتلارنى يۆلەش ئىش ئورنىغا تىزىملاتقان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەن كەسپى ئاساسىي قاتلامغا ئېھتىياجلىق كەسىپ بولۇشى كېرەك ئىكەن.

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئالاقىدار ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورى (http://www.xjggjy.com/)غا چىقىپ كونكرېت ئىش ئورنىنى تەكشۈرسە ھەمدە تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن.