بارلۇق تېغى ئېتىكىدىكى «ئاق خالاتلىق پەرىشتە»

日期:2019年06月20日
来源:天山网
【字体:

− مۇنەۋۋەر زىيالىي ياشلارنىڭ ئۈلگىسى، چاغانتوقاي ناھىيەلىك چارۋىچىلىق دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى ئوقاس سۇلايمان توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىچېن چېن

چاغانتوقاي ناھىيەلىك چارۋىچىلىق دوختۇرخانىسىدىن پېنسىيەگە چىققان قازاق دوختۇر ئوقاس سۇلايمان مۇنداق دېدى: «مەن بىر پارچە كۆمۈر بولۇپ، ئۆزۈمنى كۆيدۈرۈپ، باشقىلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلىشنى خالايمەن!»

بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن ئوقاس چاغانتوقاي ناھىيەسى ئالتۇن ئېمىل يېزىسىنىڭ بەيىبشە كەنتىدە بىر چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1971- يىلى، ئوقاس چارۋىچىلىق رايونىدا يالىڭاياغ دوختۇردىن ئۆگەندى، ئارقىدىن تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇدى.

ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئوقاس چاغانتوقاي ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا خىزمەت قىلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بارلۇق تېغى، مايلى تېغى، قۇلىستاي چارۋىچىلىق فېرمىسىنىڭ كۆچمە داۋالاش نۇقتىسىغا بېرىپ، دېھقان - چارۋىچىلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 44 يىل مابەينىدە، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق سەييارە كېسەل كۆرۈپ، 3200 بوۋاقنى تۇغدۇردى. چارۋىچىلار ئۇنى بارلۇق تېغى ئېتىكىدىكى «ئاق خالاتلىق پەرىشتە» دەپ ئاتاشتى.

ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەش، ساقلىقنى ساقلاش

چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلار دائىم مۇنداق دەيدۇ: يايلاقتىكى گۈللەر قانچىلىك كۆپ بولسا، ئوقاس دوختۇرنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىمۇ شۇنچە كۆپ. 2015- يىلى، ئوقاس پېنسىيەگە چىقتى، بىراق ئۇ يەنىلا دورا ساندۇقىنى يۈدۈپ چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا يۈردى.

6- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئوقاس شاگىرتى مىرزابېك سېرىكقازى بىلەن چارۋىچىلىق رايونىغا سەييارە كېسەل كۆرۈشكە بارماقچى بولدى، مۇخبىرمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى. ئاپتوموبىل بىلەن ئىككى سائەتكە يېقىن يول يۈرۈپ، بىز بارلۇق تېغى ئېتىكىدىكى بىر چارۋىچىلىق نۇقتىسىغا كەلدۇق. ئوقاس دوختۇرنىڭ نۇرغازى ۋەتەي ئائىلىسىنىڭ كىگىز ئۆيىگە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئەتراپتىكى چارۋىچىلار بەس - بەستە كېلىشتى.

كىگىز ئۆيگە كىرىپلا، ئوقاس سەپەردە چارچىغىنىغا قارىماي، قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئېلىپ چارۋىچىلارنىڭ قان بېسىمىنى توختىماي ئۆلچەپ، توختىماي تاپىلىدى. نۇرغازىنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندىن كېيىن، ئوقاس تاپىلاپ مۇنداق دېدى: «ئاكا، سىزنىڭ قان بېسىمىڭىز يەنىلا يۇقىرى ئىكەن. يېمەك - ئىچمەككە دىققەت قىلىڭ، مايلىق تاماق - قورۇمىلارنى يېمەڭ، دورىڭىزنى ۋاقتىدا يېيىشنى ئۇنتۇماڭ، چارچاپ كەتمەڭ».

بۇ يىل 66 ياشقا كىرگەن نۇرغازى ئالتۇن ئېمىل يېزىسى ئالتۇن ئېمىل كەنتىدىن بولۇپ، قان بېسىمى يۇقىرى ئىدى. ھەر ئايدا ئوقاس بىر قېتىم كېلىپ، نۇرغازىنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچەپ، دورا بېرەتتى.

«جاقۇپبېك ئاكا، كېلىڭە، قان بېسىمىڭىزنى ئۆلچەپ قوياي!» دېدى ئوقاس جاقۇپبېك زېينېشقا قاراپ.

ئوقاس نەچچە ئون يىل بۇرۇنقى بىر قېتىملىق سەييارە كېسەل كۆرۈشتە، جاقۇپبېكنىڭ ئۈچەي، ئاشقازان، جىگىرىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ چىققان، ئوقاسنىڭ تەكلىپى بىلەن، جاقۇپبېك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان. ھازىر، ئوقاس ھەر ئايدا كېلىپ بۇ بوۋاينىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. «ئوقاس دوختۇرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ قارىشى بىلەن، ئېرىمنىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى ئەسلىگە كەلدى» دېدى جاقۇپبېكنىڭ خوتۇنى قايشا قامى خۇشال ھالدا.

«جاقۇپبېك ئاكام چوڭ ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان كىشى، ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمىتىم» دېدى ئوقاس.

پۈتۈن زېھنى بىلەن تاغلىق رايوندىكى چارۋىچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش

44 يىلدىن بۇيان، ئوقاس چارۋىچىلارنى ئۆز تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ جان - دىل بىلەن چارۋىچىلارنى ئاغرىقتىن قۇتۇلدۇردى. ئوقاس پۈتۈن ناھىيەدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنى ئايلىنىپ چىقتى، ئۇ بۇ يەردىكى ھەربىر كىگىز ئۆينى پىششىق بىلىدۇ، ئۇ داۋالىغان ھەر مىللەت ئاغرىقلار نەچچە ئون مىڭ كىشىگە يېتىدۇ، ئۇ نەچچە مىڭلىغان مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنى داۋالاپ ساقايتتى.

2002- يىلى 3- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، بارلۇق تېغى رايونىدا قار لەپىلدەپ يېغىپ، قار دۆۋىسى يولنى توسۇۋالدى. جىيەك بازىرى جىيەك كەنتىدىكى بىر كىگىز ئۆيدە ھامىلىدار ئايال شاراپات دىنغازىنىڭ قورسىقى توختىماي مۇجۇپ ئاغرىپ، يەڭگىش ئالدىدا تۇراتتى. لېكىن، باش سۈيى يېرىلغان بولسىمۇ، بوۋاقنىڭ بېشى كۆرۈنمەيتتى. يېقىن ئەتراپتا دوختۇر يوق، ئەڭ يېقىن دوختۇرخانىمۇ 60 نەچچە كىلومېتىر كېلەتتى، ئۆي سىرتىدىكى قاتتىق قار - شىۋىرغانغا قاراپ، پۈتۈن ئائىلىدىكى چوڭ - كىچىك ھەممەيلەننىڭ چىرايىنى ئۈمىدسىزلىك قاپلىدى...

ئۇلار ئوقاسنىڭ دورا ساندۇقىنى قۇچاقلىغىنىچە، دەھشەتلىك شىۋىرغاندا كىگىز ئۆيگە كىرىپ كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇپ تۇغدۇرۇشقا كىرىشتى، بوۋاق ئاخىر تۇغۇلدى. بىراق، بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلانمىدى، نەپەس ئالغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمىغاچقا، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ يۈرىكى يەنە مۇجۇلدى.

كۆپ يىللىق تۇغدۇرۇش تەجرىبىسىگە ئاساسلىنىپ، ئوقاس بوۋاقنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ قالدۇقلارنىڭ ئېغىزنى توسۇۋالغانلىقتىن كېلىپ چىققان ۋاقىتلىق تۇنجۇقۇش ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. ئادەم قۇتقۇزۇش مۇھىم، ئوقاس بوۋاقنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى قان يۇقىغا قارىماي، بوۋاقنىڭ ئېغىزىدىكى قالدۇقلارنى ئېغىزى بىلەن سۈمۈرۈپ چىقاردى. بىر قېتىم، ئىككى قېتىم، ئۈچ قېتىم، تۆت قېتىم سۈمۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يۈزى قىزىرىپ كەتتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن بەشىنچى قېتىم بوۋاقنىڭ ئېغىزىدىكى قالدۇقلارنى سۈمۈرۈۋاتقاندا، «ئىڭە» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، بوۋاق ئاخىر ئۈنلۈك يىغلىدى.

مەيلى بوران چىقسۇن، يامغۇر ياغسۇن، قەھرىتان سوغۇق بولسۇن، تومۇز ئىسسىق بولسۇن، پەقەت چارۋىچىلار ئېھتىياجلىق بولسىلا، ئوقاس قىلچە ئىككىلەنمەي ئۇلارنىڭ ئالدىغا باردى.

1981- يىلى، ئوقاسنىڭ ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتتى، شۇ چاغدا ئۇ مايلى تېغىدىكى قىشلاقتا سەييارە كېسەل كۆرۈۋاتقان بولۇپ، ئاتىسىنىڭ يۈزىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى؛ 1991- يىلى، خوتۇنى رېماتىزملىق يۈرەك كېسىلىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا ئېھتىياجلىق بولغانىدى، ئەمما ئوقاس قىشلاقتا سەييارە يۈرۈپ چارۋىچىلارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈۋاتاتتى؛ 1997- يىلى، ئاكىسى ئالەمدىن ئۆتكەندە، ئۇ چارۋىچىلىق فېرمىسىنىڭ داۋالاش نۇقتىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ۋاقتىدا يېتىپ كېلەلمىدى.

ئوقاس مۇنداق دېدى: «ئۇرۇق - تۇغقانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى چارۋىچىلارنىڭ كېسىلىنى ياخشى داۋالاش. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاتاممۇ مېنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىمنى ئۈمىد قىلغان، دوختۇرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش!»

خالىس تۆھپە قوشۇش، پېشقەدەملىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش

كۆپ يىل دوختۇرلۇق قىلىش جەريانىدا، ئوقاس چارۋىچىلىق رايونىدا ياخشى دوختۇر بولۇش ئۈچۈن، داۋالاش تېخنىكىسى بولۇپلا قالماي، يەنە كۆيۈمچان بولۇش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

چارۋىچىلىق رايونىنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئوقاس ئىچكى بۆلۈم، تاشقى بۆلۈم، بالىلار بۆلۈمى، بەش ئەزا بۆلۈمى، تۇغۇت بۆلۈمى بىلىملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. ئوقاسنىڭ تەسىرىدە، چاغانتوقاي ناھىيەلىك چارۋىچىلىق دوختۇرخانىسىدىكى 20 نەچچە داۋالاش خادىمى ئۇزاق يىل چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قاتراپ يۈرۈپ، چارۋىچىلارنى داۋالىدى، ئۇلارغا دورا يەتكۈزۈپ بەردى، سەييارە كېسەل كۆردى، خالىس دىياگنوز قويدى. «مەن ئوقاس دوختۇردىن ئۆگىنىپ، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى، رېماتىزم قاتارلىق كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇش، ئۇنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ چارۋىچىلىق رايونلىرىغا بېرىپ، چارۋىچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمەن» دېدى چاغانتوقاي ناھىيەلىك چارۋىچىلىق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى ئېرجان كۆكېن.

«ئوقاس ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسپىنى قەدىرلىدى، خالىس تۆھپە قوشتى، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، يەنە دائىم چارۋىچىلىق رايونلىرىغا بېرىپ خالىس كېسەل كۆردى.» چاغانتوقاي ناھىيەلىك چارۋىچىلىق دوختۇرخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لياڭ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: «ئۇ چارۋىچىلارنىڭ قەلبىدە بىر تېببىي خىزمەتچىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىدى، شۇنداقلا بىر مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ يۈكسەك ئوبرازىنى تىكلىدى».

2006- يىلى 2- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سەھىيە سىستېمىسىدا ئوقاستىن ئۆگىنىش قارارىنى چىقاردى. 2006- يىلى 7- ئايدا، ئۇنىڭغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ شەرەپلىك نام بېرىلدى؛ 2008- يىلى 1- ئايدا، دۆلەت جۇڭيى دورىگەرلىكى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سەھىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار خىزمەتچى» دەپ باھالاندى؛ 2009- يىلى 9- ئايدا، گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى؛ 2011- يىلى 4- ئايدا، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك 1- ماي ئەمگەك مېدالى» بېرىلدى.

ئوقاس مۇنداق دېدى: «مەن پارتىيە ئەزاسى، پارتىيە ئەزاسى پېنسىيەگە چىقمايدۇ؛ دوختۇرلۇق مەسئۇلىيىتى مېنى تېخىمۇ پېنسىيەگە چىقماسلىققا ئۈندەيدۇ، مەن ئىزچىل چارۋىچىلىق رايونىدىكى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىمەن!»