«شىنجاڭ مېۋە - چېۋە بازىرى» چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا جۇلالاندى

日期:2019年06月20日
来源:天山网
【字体:

ساياھەتچىلەر تەقلىدىي ھەقىقىي مەنزىرە ئارقىلىق سەھرا مەنزىرىسىنى ھېس قىلالايدىغان بولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىشى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 18- كۈنى، شىنجاڭدىكى تۇنجى VR ھەقىقىي مەنزىرە «شىنجاڭ مېۋە - چېۋە بازىرى» شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا جۇلالاندى. «شىنجاڭ مېۋە - چېۋە بازىرى» شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يېڭىدىن بەرپا قىلغان شىنجاڭنىڭ مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يېڭى ئەندىزىسى بولۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ جانلىق نامايان قىلىدۇ.

«شىنجاڭ مېۋە - چېۋە بازىرى» ئاھالىلەر تۇرالغۇسى ئۆرپ - ئادىتى باش تېما كارىدورى، يېڭى مېۋە - چېۋە رايونى، «ئۆرۈك» بەخت تېز ئاپتوموبىلى مەدەنىيەت باش تېما سارىيى، ئۈزۈم سارىيى، ئالما سارىيى، چىلان سارىيى، قۇرۇق مېۋە - چېۋە رايونى قاتارلىق كۆپ باش تېما رايونلىرىدىن تەركىب تاپقان، ھەربىر رايوندا نەق مەيداندا مەنزىرىسى تەقلىدىي كۆرسىتىلگەن «ئېتىز - ئېرىق بېشى» مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى خۇددى مېۋىلىك باغدا تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە، «ئۆرۈك» بەخت تېز ئاپتوموبىلى مەدەنىيەت باش تېما سارىيىدا، نەق مەيدان مەنزىرىسى تەقلىدىي ئۆرۈك دەرىخى ۋە ئۆرۈك دۆۋىسى، ئەقلىي ئىقتىدار، سېزىمچانلىق بىر گەۋدىلەشكەن ماشىنا، VR ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىدىن ھېس قىلىش، ئۆرۈك چېچىكى، ئۆرۈك دەرىخى، يېڭى ئۆرۈك چىلانغان 48 بوتۇلكا ئەۋرىشكە، قۇرۇتۇلغان 50 پارچە ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭ ئۆرۈكىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى ئەتراپلىق نامايان قىلىنىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدار، سېزىمچانلىق بىر گەۋدىلەشكەن ماشىنا ئارقىلىق دۆلەت ئۆرۈك ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىق ئامبىرىنىڭ تولۇق كۆرۈنۈشلۈك خەرىتىسى، شىنجاڭ ئۆرۈكىنىڭ رەقەملىك بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى، ئوخشاش بولمىغان سورتلۇق ئۆرۈكنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە مۇۋاپىق پىششىقلاپ ئىشلەش يوللىرى قاتارلىقلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.

شىنجاڭ مېۋىچىلىك داتاڭ يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ياڭ يۇڭشياڭ مۇنداق دېدى: چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى شىنجاڭغا كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچى ساياھەت قىلىدىغان تۇنجى بېكەت، شىنجاڭنىڭ مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى نامايان قىلىش، تەشۋىق قىلىش بۇ كۆزنەككە ئېھتىياجلىق. كېيىنكى قەدەمدە، شىركەت داۋاملىق توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى يوللار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك شىنجاڭ مېۋە - چېۋىسىنىڭ «سىرتقا چىقىرىلىش»ىغا ياردەم بېرىدۇ.