تارىم نېفىتلىكى يېشىل تەرەققىياتقا «كۈچ قوشتى»

日期:2019年06月20日
来源:天山网
【字体:

غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش يولغا قويۇلدى جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش ئالغا سىلجىتىلدى

تارىم نېفىتلىكى يېشىل تەرەققىياتقا «كۈچ قوشتى»

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ يۇڭفېينىڭ تارىم نېفىتلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 5- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، تارىم نېفىتلىكى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش بويىچە تەمىنلىگەن تەبىئىي گازنىڭ مىقدارى جەمئىي 230 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستقا يەتكۈزۈلگەن تەبىئىي گاز جەمئىي 33 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ تەڭشەش، تۆۋەن كاربونلۇق يېشىل تەرەققىيات، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان.

6- ئاينىڭ 15- كۈنى، پايانسىز چۆل - باياۋاندا پىژغىرىم ئىسسىق بولۇۋاتاتتى. باي ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى چۆل - باياۋاندا كېلا 7- 2 قۇدۇقىنىڭ گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىدا توختىماي يەتكۈزۈلۈۋاتقان تەبىئىي گازدىن «گىژىلدىغان» ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى. يەر يۈزىدە «غەربنىڭ گاز مەنبەسى» دېگەن بىرقانچە چوڭ خەت كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. «كېلا 2 گازلىقىدىكى <تۆھپىكار قۇدۇق> دەپ ئاتالغان بۇ قۇدۇق دۆلىتىمىزدىكى تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى جەمئىي 10 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشقان تۇنجى يەككە قۇدۇق ھېسابلىنىدۇ. 2004- يىلى 11- ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، بۇ قۇدۇق غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا ئۈزۈلدۈرمەي تەبىئىي گاز يەتكۈزدى» دېدى تارىم نېفىتلىك شىركىتى كېلا نېفىت - تەبىئىي گاز ئېچىش بۆلۈمىنىڭ باش گېئولوگى ۋاڭ شېڭجۈن.

تارىم ئويمانلىقى دۆلىتىمىز قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت - تەبىئىي گازلىق ئويمانلىق، ئويمانلىقنىڭ نېفىت - گاز بايلىق ئېكۋىۋالېنتى 17 مىليارد 800 مىليون توننىغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىي گاز بايلىق مىقدارى 12 تىرىليون 900 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدۇ.تارىم ئويمانلىقىدا تەبىئىي گازنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش، بايقاش غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى بىۋاسىتە ئىلگىرى سۈرۈپ، لىنىيە بويىدىكى 14 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردىكى 300 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىگە نەپ يەتكۈزدى. 2002- يىلى 7- ئايدا غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1- لىنىيە تۇرۇبىسىدا قۇرۇلۇش باشلاندى، 2004- يىلى 9- ئايدا تارىم نېفىتلىكى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق شەرقىي قىسىمدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنى گاز بىلەن تەمىنلەشنى باشلىدى، 1- لىنىيەنىڭ قۇرۇلۇپ پۈتۈشى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2- لىنىيەسى، 3- لىنىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاساس سالدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، تارىم نېفىتلىكى يەنە جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پائال يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە تەبىئىي گاز دەۋرىگە كىرگۈزدى. 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ ئاخىرى، تارىم نېفىتلىك شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى قىسمەن ناھىيە، شەھەرنى تۇڭلۇق سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز بىلەن تەمىنلەشنى باشلىدى. 2010- يىلى 7- ئايدىن باشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى. 2013- يىلى 7- ئايدا تارىم ئويمانلىقىدا تەبىئىي گاز ئاساسىي غول تۇرۇبا تورى ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇلدى ھەم ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2424 كىلومېتىرغا يېتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستىدىكى 42 ناھىيە، شەھەر، 20 دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن - مەيدانىنى قاپلىدى. بۇ يىل 5- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، جەمئىي تەمىنلەنگەن گاز مىقدارى 33 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 43 مىليون 160 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنىڭ ئورنىنى ئالدى.

«ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئامما ئاساسلىقى كۆمۈر ياكى ئوتۇن قالاپ تاماق ئېتەتتى ۋە ئىسسىناتتى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەسى ئاجىز بولغاچقا، كۆمۈر ۋە ئوتۇن قالاش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئېغىر يۈك ئېلىپ كەلگەن. جەنۇبىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغدىدى» دېدى ۋاڭ شېڭجۈن.

بۇلتۇردىن بۇيان، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسى تار ئېغىز كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرغۇن توختى ئىچ - ئىچىدىن خۇشال ئىدى، چۈنكى ئۇ تەبىئىي گازغا ئۆزگەرتىپ نان ياققانىدى. «بۇنىڭ بىلەن كۆمۈر ۋە ئوتۇننىڭ تەننەرخىنى تېجەپلا قالماي، يەنە ئاچچىق ئىسنىڭ دەردىنى تارتمايدىغان بولدۇم، ناننىڭ تەمىمۇ ياخشىلاندى، سوداممۇ يۈرۈشتى، ھازىر كۈنىگە ئاز دېگەندىمۇ 200 نان ساتالايمەن» دېدى ئۇ 6- ئاينىڭ 15- كۈنى خۇشال ھالدا.