پارتىيە بايرىقىنى ئاساسىي قاتلام بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش

日期:2019年06月05日
来源:天山网
【字体:


شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

5- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسى قۇمۇشئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى تۇرسۇن رەھمىتۇل(سولدا) كەنت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش بازىسىدا كۇرسانتلار بىلەن كەنتنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش تەجرىبىسى ھەققىدە پىكىرلەشمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئۇل سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم، ئەمىن قىلىشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، تىرىشىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە بايرىقىنى ھەربىر ئاساسىي قاتلام بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك.

  ــــ شى جىنپىڭ

«شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە.» پارتىيە تەشكىلاتى كۈچەيگەندىلا، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى كۈچەيگەندىلا، پارتىيە خىزمىتى كۈچەيگەندىلا، ئاندىن ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى قۇدرەتلىك ئۇلۇغۋار كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ!

دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامدا. مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، مۇقىملىقنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىقلارنى كۈچلۈك سىياسىي، ئىدىيە ۋە تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

قەلبنى، روھنى مۇجەسسەملەپ، قەددىنى رۇسلاش:

پارتىيە ئىچىدىكى ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى

«ھازىر مەن ھەر ھەپتىدە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىغا بېرىپ ئۆگىنىشكە قاتنىشىمەن، <ئۆيۈم>گە قايتقاندەك ھېسسىياتتا بولىمەن» دېدى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ جامباز يېزىسى ئاقجامباز كەنتىدىكى پارتىيە ئەزاسى تۇرسۇنخان راخمان ھاياجانلانغان ھالدا.

پەيزاۋات ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» كالېندار تۈزۈمى ئورنىتىپ، ھەر ئايدا مۇقىم ۋاقىتتا باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. تۇرسۇنخان مۇنداق دېدى: باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى، پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، پارتىيەنىڭ بۇرچىنى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈشنى ئەسكەرتتى.

نەزەرىيە ھەرىكەتنىڭ يېتەكچىسى. مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى.

ماياك يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە دەرسىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۆگىنىش، تەربىيەلەش بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ــــ «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلدى... يېزىلاردىن شەھەرلەرگىچە، ئورگان، مەھەللىلەردىن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغىچە «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»نى دائىملاشتۇردى، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقىشنى كۈچەيتتى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش تارىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

ــــ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى. ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ 1- شۇجىسى قىلىپ ئەۋەتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇردى، يېتەكلىدى.

ــــ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «قىشلىق ھۇجۇم»نى قانات يايدۇرۇپ، نامرات رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىك ۋە خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى.

ــــ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى دىققىتىنى ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى ياخشى قىلىش، سىجىل كۈچەشكە مەركەزلەشتۈردى. خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرىدىن 39 مىڭدىن كۆپرەكنى يولغا قويۇپ، ئاممىغا 2 مىليوندىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى.

شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئەمما ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ تۇتاشقان، چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى شىنجاڭدا كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى، پارتىيە بايرىقى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئېگىز جەۋلان قىلدى.

 ئاساسنى كۈچەيتىپ، ئۇلنى پۇختىلاپ قورغان بەرپا قىلىش:

ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلدى

«كەنتىمىزدىكى 77 نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى!» دېدى 5- ئاينىڭ 22- كۈنى مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمقۇسار يېزىسى تۆۋەن خادىلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىمىن نەمەت خۇشال ھالدا.

قۇملۇقنىڭ بويىغا جايلاشقان تۆۋەن خادىلىق كەنتىگە بۈگۈنكى كۈندە ئاسفالت يول تۇتاشتۇرۇلدى، ھەممەيلەن ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ھەممە ئائىلىگە سۇ، توك يەتكۈزۈلدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2008- يىلىدىكى 3300 يۈەندىن، 2018- يىلىدىكى 10 مىڭ 116 يۈەنگە كۆپەيدى. كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختالغاندا ئىمىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىشتە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە تاياندۇق، بەختىمىزگە يارىشا كەنتىمىزدە ياخشى پارتىيە ياچېيكىسى بار!»

تۆۋەن خادىلىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەنتنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى.

يىلتىز چوڭقۇر بولسا يوپۇرماق باراقسان بولىدۇ، ئاساس پۇختا بولسا شاخلار ئاينىيدۇ. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ تۈپ ئاساسى ھەربىر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش.

ــــ كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىشتا كۈچنى مۇجەسسەملەپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «<ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، 18 تۈرلۈك دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈش، تۈزۈملەشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورناتتى. كەنتتە تۇرىدىغان كادىرلار مېھىر - مۇھەببەتنى ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئېلىپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئېلىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا سىڭىشتى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئامما ئارىسىدا پارتىيەنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈردى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلىدى، يېزىدا ھەقىقىي ئىز قالدۇرۇپ، نامىنى خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇردى.

ــــ ئاساسىي قاتلام قوشۇنىنى يېتەكلەشكە كۈچەپ ياردەم بەردى. كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار كەنت كادىرلىرى بىلەن دائىملىق قوشماق بولۇپ، يېتەكلەشكە ياردەم بېرىپ، تۈرلۈك تۈزۈم، مېخانىزمنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنىڭ يۈرۈشۈشىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا، كەنت ئاھالىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ياردەم بەردى.

ــــ كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى. بەنزىنى چىڭ تۇتۇپ، قوشۇننى يېتەكلەپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ مەركىزىي ۋەزىپىنى تاماملاپ، مەركەزنىڭ تەدبىرى، يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەربىر ياچېيكىغىچە ئەمەلىيلەشتۈردى، تۈرلۈك خىزمەتلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈردى.

ــــ سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي خۇسۇسىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي ئىقتىدارنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك يادروسىلىق، سىياسىي يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى... پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىدا كېمىلەر بەس - بەستە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.

  قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە كۆيۈنۈپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش:

سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلدى

«پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم، كەنت ئاھالىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلمايدىكەن، مەن كەتمەيمەن» دېدى جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزىسى باش لايقا كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى يۈسۈپ قادىر.

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى ۋە 1- شۇجى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۈسۈپ قادىر كەنتتە تۇرۇشلۇق تۆت خىزمەت ئەترىتى ۋە ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ سەككىز 1- شۇجىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىشىغا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇ كەنتتە تۇرغان تۆت يىلدىن بۇيان، ئۇسۇل - چارە ئۆگىتىش، تەربىيەلەشنى تۇتۇش، ماھارەتنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن قول سېلىپ، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.

پويىزنىڭ تېز مېڭىشى پاراۋۇزغا باغلىق. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئالدىدا مېڭىپ، ئاۋانگارتلىق رولىنى، ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى ھەقىقىي نامايان قىلدى.

ئەخلاقلىق ھەم ئىختىساسلىق بولۇشتا ئەخلاق ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى، ھەممە يەردە ئىختىساسلىقلار تاللاپ ئىشلىتىلدى... مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق بولغان ياخشى كادىرنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئادەمنى دەل جايىدا ئىلمىي تاللاپ، ئىشلىتىپ، كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ، نازارەت قىلىپ، كادىرلارنىڭ ھەم چىقالايدىغان، ھەم چۈشەلەيدىغان ئىقتىدارىنى قوزغاتتى.

كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالغا سىلجىتىلدى. سىياسىي جەھەتتە كۆڭۈل بۆلۈندى، ئىدىيە جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىندى، تۇرمۇش جەھەتتە ياردەم بېرىلدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قوزغىتىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ھەربىر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىشتىكى جەڭگىۋار قورغانغا ئايلانماقتا، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى، كادىر ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشماقتا.

قىپقىزىل پارتىيە بايرىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئالاھىدە جاپاغا چىدىيالايدىغان، ئالاھىدە كۈرەش قىلالايدىغان، ئالاھىدە تۆھپە قوشالايدىغان روھ بىلەن ئامما بىلەن رىشتە باغلايدىغان، خالىس تۆھپە قوشىدىغان دەۋر قەسىدىسىنى پۈتۈپ چىقتى.