يېشىللىققا پۈركەنگەن ئېكولوگىيە جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش

日期:2019年06月02日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

  ـــ شى جىنپىڭ

بەش يىل قىممەتلىك ھەم مول مەزمۇنلۇق بولدى.

بەش يىلدا، بىر قاتار قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەك ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى قاتتىق چەكلىنىپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشتا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ «بىر قوللۇق» تەستىقلاش تۈزۈمى، مۇھىتنى ئاسراشتىكى «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىندى؛ بەش يىلدا، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭى، سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭى، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭى قاتارلىق مۇھىتنى قوغداش جەڭلىرى قىلىندى.

مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىيلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قۇرۇلۇشىنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن رايونلۇق، پۈتۈن جەريانلىق قانات يايدۇرۇپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيەنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان، يېشىل تەرەققىيات يۆنىلىش قىلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدەندى.

■ كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىش

ئۇلۇغچات ناھىيەسى قىزىلئۆي يېزىسى كەڭشىۋەر كەنتىدە، ماتاي قادىر پۈتۈن كەنتتىكى 152 ئائىلىلىك چارۋىچىغا ئوخشاش پاكىز تەبىئىي گاز ئىشلىتىشكە كۆنۈپ قالدى. كىشىلەر كىلاپاننى ئاچسىلا، كۆكۈش ئوت يالقۇنى لاپلا قىلىپ يانىدۇ.

تەبىئىي گازلا ئەمەس، ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاپتونوم رايون يەنە كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئېتىبارلىق توك باھاسى ئارقىلىق يېزا - كەنتلەردە پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ ئومۇملىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بورتالا شەھىرىنىڭ دالتۇ بازىرىدا، توك بىلەن ئىسسىنىشنىڭ ئومۇملىشىشى بۇ جايدىكى دېھقانلارنى شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.

دالتۇ بازىرى ئىگىنخۇش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى داۋۇت كەنتتە توك پارنى ئەڭ بالدۇر ئورناتقانىدى. «مەن 2017- يىلى ئورناتقان، قوشنىلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ مەندىن ياخشىمىكەن دەپ سورىدى، مەن <ئەلۋەتتە ياخشىكەن، قاراڭلار، ئۆي شۇنداق پاكىز تۇرىدىكەن> دېدىم.» داۋۇت مۇنداق دېدى: «مېنى ئىككى قېتىم ئىس ئېلىپ، قورقۇپ كەتكەنىدىم. توك پار ھەم پاكىز، ھەم بىخەتەر ئىكەن».

«پاكىز ئېنېرگىيە ئومۇملاشتۇرۇش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدىكى بىر تۈرلۈك تەدبىر. بۇنىڭدىن كېيىن، كەنتلەر بارغانسېرى پاكىز، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى راھەت بولىدۇ» دېدى دالتۇ بازىرىنىڭ بازار باشلىقى ۋاڭ جيەنشى.

بەش يىلدىن بۇيان، پاكىز ئېنېرگىيە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئۈزلۈكسىز ئىشلىتىلدى. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى بويلاپ يۈرگەندە، ئارىلاپ قۇياش ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش ئەسلىھەلىرىنىڭ رەتلىك تىزىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. شىمالىي شىنجاڭدا، غەربتىن شەرققە سوزۇلغان كەڭرى رايوندا، داۋانچىڭ شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھازىر بىردىنبىر شامال ئېنېرگىيە مەنزىرىسى ھېسابلانمايدىغان بولدى، غايەت زور شامال كۈچى گېنېراتورلىرى ئوتلاق، چۆللۈك ئارىسىدا ئورماندەك قەد كۆتۈرۈپ، شامال كۈچىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئۈزۈلدۈرمەي ئايلاندۇردى. بارغانسېرى كۆپ دېھقان - چارۋىچى ئىس - تۈتەكلىك «ئوتۇن، كۆمۈر دەۋرى»دىن پاكىز ئېنېرگىيەلىك «ئالتۇن دەۋر»گە كىردى.

ئۆتكەن بەش يىلدا، شىنجاڭ ئاساسلىق بۇلغىما ئومۇمىي مىقدارىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى چەكلەش خاراكتېرلىك تەكشۈرۈپ باھالاش كۆرسەتكۈچىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى، ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارى سىجىل تۆۋەنلىدى. 2018- يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە) تۇرۇشلۇق 14 شەھەردىكى گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدى، ئازوت (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ قويۇقلۇقى ئايرىم - ئايرىم 2014- يىلىدىكىدىن %35.3، %20.6 تۆۋەنلىدى. ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا مۇھىت سۈپىتى ئەلا بولغان كۈن سانى 2014- يىلىدىكىدىن %12.6 كۆپىيىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكەت پىلانىنىڭ 1- باسقۇچلۇق نىشانى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

■ كەڭ زېمىندا يېشىل دولقۇننى مەۋج ئۇرغۇزۇش

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى ليۇ جېننىڭ بۇ يىل تۇنجى تۈپ كۆچەت تىككەن كۈنى ئېنىق ئېسىدە. «3- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى كوڭتەيلىك مىليون مو چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا كۆچەت تىكتۇق» دېدى ليۇ جېن. ليۇ جېن كۆچەت تىككەن جايدىن 20 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدا كۆكيار مىليون مولۇق ئورمان دېڭىزى ياپيېشىل دولقۇنغا ئايلانغانىدى.

كۆكياردىلا ئەمەس، ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۆكيار چۆللۈكىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ئاساسىدا، «تۆت بىر مىليون مو» قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، ئاقسۇ دەرياسى ھەۋزىسىدىن ئۆگەن دەرياسى ھەۋزىسىگىچە، يەنە كوڭتەيلىك رايونىغىچە، قاتلاممۇقاتلام يېشىللىق ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.

بۇ پەقەت شىنجاڭنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدىكى كۆكەرتىشىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشقارمىسى (ئاپتونوم رايونلۇق كۆكەرتىش كومىتېتى ئىشخانىسى)نىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ياڭ جيەنمىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن شىنجاڭدا پەقەت ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمىلا 66 مىليون مودىن ئاشتى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى سۈنئىي بوستانلىق كۆلىمى 62 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى. مۇشۇ ئاساستا، 2019- يىلى شىنجاڭ ئاز دېگەندىمۇ يەنە 2 مىليون مو يەردە يېڭىدىن ئورمان بىنا قىلىدۇ.

يېشىللىق ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاپلا قالماي، يەرلىك ئاممىغا بايلىق ئېلىپ كېلىپ، «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى دەلىللىدى. ھەرقايسى جايلار بوستانلىقنىڭ ئەتراپىغا ئېكولوگىيە ئورمىنى تىكتى، ئىچكى قىسمىغا قاراتمىلىق ھالدا ئىقتىسادىي ئورمان تىكتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئورمان ئارىسىدا باقمىچىلىق، ئېكولوگىيە ساياھىتى قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك تۈرلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىنجاڭ مىقياسىدا 22 مىليون مو باغ - ئورمان بەرپا قىلىنىپ، مېۋە - چېۋە يىللىق ھوسۇلى 10 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتتى.

سۈنئىي ئورمان پائال كېڭەيتىلىش بىلەن بىللە، تەبىئىي ئورمانمۇ سىجىل قوغدالدى ھەم قۇدرەتلىك ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى. شىخو فوشەن دۆلەت ئورمان باغچىسىدا تەبىئىي ئورماننى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئارقىلىق، بۇ جاي ئارشاڭدا دەم ئېلىپ داۋالىنىش، گۈل تاماشا قىلىش، ئورماننى كېسىپ ئۆتۈش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى، ساپانى ئۆستۈرۈش قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپ ھالىتى بىر گەۋدە قىلىنغان كۆپ مەنبەلىك ئورمان تەسىراتى مەنزىلگاھىغا ئايلاندى. بەش يىلدىن بۇيان، بۇ باغچە جەمئىي 700 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

شىنجاڭدىكى تەبىئىي ئورمانلار ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېشىل تىرەك بولماقتا. «2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا ھەر دەرىجىلىك ئورمان باغچىسى جەمئىي 64كە، ئومۇمىي كۆلىمى 1 مىليون 661 مىڭ 900 گېكتارغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسىدىن 24ى بار.» ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى تەبىئىي ئورماننى قوغداش قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ تەرەققىياتى ئىشخانىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى شياۋ جۇڭچى مۇنداق دېدى: «ئورمان باغچىسى <ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش> پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان، بارلىق پايدىلىنىشنىڭ ھەممىسىدە ئاسراش ئالدىنقى شەرت قىلىنغان بولۇپ، مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئورماننى ئاسراش ئۈچۈن مۇھىم مەبلەغ مەنبەسى ئېچىپ بېرىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قىممىتىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى».

■ دەريا - كۆللەرنىڭ سۈيىنى سۈزۈك، ساھىلىنى پاكىز قىلىش

ھەر كۈنى، نۇرمۇقان سېرىك موتوسىكلىتقا مىنىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزى مەسئۇل بولغان رايوننى بويلاپ ئېبنۇر كۆلىنى چارلايدۇ. 2017- يىلى، ئەسلىدە ئېبنۇر كۆلى بويىدا چارۋا باقىدىغان نۇرمۇقان باشقا 188 چارۋىچى بىلەن بىللە، كالا، قويلىرىنى ھەيدەپ ئاسراش رايونىدىن تەلتۆكۈس كۆچۈپ چىقتى. نۇرمۇقانمۇ پادا قامچىسىنى تاشلاپ، ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يەر دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇش ئارىلى باشقۇرۇش - ئاسراش پونكىتىنىڭ بىر باشقۇرۇش - ئاسراش خادىمىغا ئايلاندى.

كىشىلەر ئېبنۇر كۆلى بويىدىكى ئوتلاقنى ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارغا، كۆل يۈزى بىلەن ساھىلنى سۇ قۇشلىرى ۋە ئارتېمىيە قوڭغۇزىغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يەر مۇھىتىنىڭ چېكىنىش يۈزلىنىشى ئۈنۈملۈك توسۇلۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسى تەدرىجىي مۇقىملاشتى. ئېبنۇر كۆلىنى ۋەكىل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تېخىمۇ كۆپ جاي كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىپ، سۇلۇق يەر، دەريا ئېقىنى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئاسراشقا كۈچ چىقارماقتا.

2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى قوغدالغان سۇلۇق يەر كۆلىمى 2 مىليون 610 مىڭ 500 گېكتارغا يېتىپ، 51 ئورۇندا دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى قۇرۇلدى. شىنجاڭدا دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 3355 دەريا ئېقىنى، 110 كۆلگە بەش دەرىجىلىك دەريا (كۆل) باشلىقى بېكىتىلدى، ھەر دەرىجىلىك دەريا (كۆل) باشلىقلىرى دەريا - كۆللەرنى چارلاش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى دائىم قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي 150 مىڭ ئادەم قېتىم دەريا - كۆللەرنى چارلىدى.

بۇيۇنتۇ دەل ئاساسىي قاتلامدىكى نۇرغۇن دەريا - كۆل باشلىقىنىڭ بىرى. باغراش ناھىيەسى بۇمبۇت بازىرى نايىن تولغوي كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ بۇ مۇدىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندىكى باغراش كۆلىنىڭ كۆل بۆلىكى باشلىقىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، ھەر شەنبە كۈنى چارلاش - ئاسراش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن بىللە، 30 نەچچە كىلومېتىر جاينى ئاتلىق چارلاپ ئاسرىدى.

«باغراش كۆلى ئاسرىلىپ، بېلىق ۋە قۇشلار كۆپەيدى، ساياھەتچىلەرمۇ كۆپەيدى، بىزنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىمىز بارغانسېرى ياخشى سېتىلىۋاتىدۇ. 2018- يىلى مەن ھۆددىگە ئالغان قومۇشلۇقتا قىسقۇچپاقا قۇمچىقى باقتىم، بۇ يىل 9- ئايدا بازارغا سېلىشنى مۆلچەرلەۋاتىمەن» دېدى نايىن تولغوي كەنتىدىكى 58 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ھەبىبۇللا خۇشال ھالدا.

مۇھىت ئىجازىتى ئۆلچىمىنىڭ بارغانسېرى قاتتىق بولۇشى ھەمدە دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى دەريا ئېقىنلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەسلىگە كەلدى. تارىم دەرياسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ دەريا تېخىمۇ تۈجۈپىلەپ ئاسرالدى. 2016- يىلى، شىنجاڭ ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارىم دەرياسى ھەۋزىسىنىڭ سۇ مىقدارىنى تەقسىملەش لايىھەسىنى «ئۈچ قىزىل سىزىق» بويىچە سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىگە يۆتكىدى. ئۈزلۈكسىز ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشنىڭ پايدىسىدا تارىم دەرياسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى تېتىما كۆلىنىڭ كۆل يۈزى ۋە ئەتراپىدىكى سۇلۇق يەر كۆلىمى 500 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئېشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 2- چوڭ كۆلگە ئايلاندى.

ئېكولوگىيە گۈللەنسە، مەدەنىيلىك گۈللىنىدۇ، ئېكولوگىيە خارابلاشسا، مەدەنىيلىك خارابلىشىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل يۇرت - ماكاننى تىرىشىپ قۇرماقتا.