خەلق تۇرمۇشى ئىللىق ئېقىمى ئارقىلىق ئىتتىپاقلىق ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز

日期:2024年04月24日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

خەلق تۇرمۇشى خەلق بەختىنىڭ ئاساسى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنىڭ ئاساسى. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم پىرىنسىپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىش كېرەك. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەرقايسى سەپلەردە كۈرەش قىلىۋاتقان ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ئىللىق ئېقىمى ئارقىلىق ئىتتىپاقلىق ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىدى ۋە تۈرتكە بولدى.

خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن جىجياڭنىڭ قارىشىچە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش شىنجاڭغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ۋە رېئال تەخىرسىزلىككە ئىگە، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاش قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا.

«خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى كۆپرەك كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى غەمنى كۆپرەك ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەتئىي تۈردە پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، ئاندىن خەلق رايىنى تېخىمۇ مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتكىلى بولىدۇ» دېدى چېن جىجياڭ.

«ئومۇمىي يىغىندا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيە مەھكەم ئىگىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەر بىرتۇتاش پىلانلاندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بىز ھەرقانداق مەسىلىنى ئويلىغاندا، ھەرقانداق تەدبىرنى بەلگىلىگەندە، ھەرقانداق خىزمەتنى ئىشلىگەندە بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرى بىلەن بىرىكىش نۇقتىسى، باشلىنىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىشىمىز كېرەك». ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى خۇڭبىن مۇنداق قارىدى: پەقەت ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىپ، ئورتاق بېيىشقا يۈزلەندۈرگەندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ماددىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بىر مەقسەتتە ئويلاش، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئىشلارنى ئارقا - ئارقىدىن بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش بىلەن بىللە، يەنە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

«خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغاندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكىلى بولىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر خې يۇڭخۇي.

ھەقىقىي تۈردە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز، بەخت - سائادەتنى ئاشۇرىمىز، خەلق قەلبىنى ئىللىتىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئىشلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىشلەش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى، 2023 - يىلى مالىيە چىقىمىنىڭ %77.4ى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلىتىلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك» دېگەن ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بېرىلدى.

«ھەر مىللەت ئاممىنى بەختلىك، گۈزەل، باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش، ئۇلارنى ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جەزمەن پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بەخت - سائادەتنى ئاشۇرۇپ، خەلق قەلبىنى ئىللىتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك». خې يۇڭخۇي مۇنداق دېدى: شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى 3 - دەرىجىلىك 22 دوختۇرخانىدىن 40 داۋالاش ئەترىتىنى تاللاپ ئەۋەتىپ، ھاۋالىلىك باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق ناھىيە دەرىجىلىك 40 دوختۇرخانىغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ۋە تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت خىراجىتى ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى 2012 - يىلىدىكى 25 يۈەندىن 2023 - يىلى 89 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرى قانات يايدۇرغان ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت تۈرىنى 10 تۈردىن 12 تۈرگە كېڭەيتىپ، ئاممىنى ئىشىك ئالدىدىكى ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى. 2023 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر - بازارلاردا 482 مىڭ 200 ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %4.49 ئاشتى، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەنلەر 3 مىليون 200 مىڭ 700 ئادەم قېتىم بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ ئىشلەش كۆلىمى 1 مىليون 93 مىڭ ئادەم بولدى.

«بىز مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتىدىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچ ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت بۇ يۆنىلىشنى مەھكەم چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىدۇق» دېدى چېن جىجياڭ.

خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي چىڭ ساقلاش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ دائىرىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولدى، 2023 - يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 21 مىليون 844 مىڭ 300 ئادەم قېتىم بولۇپ، 2022 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 1 مىليون 20 مىڭ 800 ئادەم قېتىم كۆپەيدى؛ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى ھۆكۈمەت ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار 529 مىڭ 600 ئامما ئۈچۈن جەمئىي 38 مىليون 582 مىڭ 200 يۈەن مەبلەغنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» «مۇقىملاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

«بىز شەھەر - يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ۋە مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلىدۇق، تەقسىملەش تىپىدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇدىن 54 مىڭ 400 يۈرۈش سالدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي 13 مىڭ 400 يۈرۈش، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي 41 مىڭ يۈرۈش بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئەمەلىي ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى تۇتتۇق» دېدى لى خۇڭبىن.

جاھاندىكى چوڭ ئىشلارنى جەزمەن ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەم قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھەم چامىنىڭ يېتىشىچە ئىش كۆرۈپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى تۇتۇپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئىنچىكە، تەپسىلىي، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كونكرېت خىزمەت نەتىجىلىرىنى ھەر مىللەت ئامما كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە پائال تۈرتكە بولدى.

تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرىمىز

ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىم بولسا خەلق رايى مۇقىم بولىدۇ، جاھان تىنچ بولىدۇ.

«ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يۆلەش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى سالمىقىنى زورايتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ «شاھمات كۆزى»نى چۆرىدەپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش شەرتىنى مۇۋاپىق قويۇۋېتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى سىجىل تۈردە جەنۇبىي شىنجاڭغا توپلىنىشقا يېتەكلەيدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتىن يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە جەنۇبىي شىنجاڭغا سىياسەت مەدىتى بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېدى چېن جىجياڭ.

ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاشتىكى ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز قىيىنچىلىقى بارلارغا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغانلار، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، نامراتلار، قايتا نامراتلاشقانلار، ئېغىر مېيىپلەر قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىدا سۇغۇرتىغا قاتناشمىغانلارنى «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش»كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. دېھقان ئىشلەمچىلەر، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، يېڭى كەسىپ ھالىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر توپىنى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا كىرگۈزىدۇ.

«خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى چۆرىدەپ، بىز خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەشكە سىجىل تۈرتكە بولىمىز. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك سەھىيە - ساغلاملىق مۇلازىمەت سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىگە ئىگە، يۇقىرى سۈپەتلىك بولغان سەھىيە - ساغلاملىق مۇلازىمەت تورى بەرپا قىلىمىز. ياشانغانلار ساغلاملىقى ۋە ئانا - بالىلار ساغلاملىقى قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ساغلاملىق مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىمىز» دېدى خې يۇڭخۇي.

«بىز شەھەر - يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلايمىز، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردىكى 1000غا يېقىن كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشتە ئىش باشلاشنى پىلانلىدۇق، بۇ، 200 مىڭ ئائىلىلىك ئاھالىنى قاپلايدۇ» دېدى لى خۇڭبىن.

خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى يوق، پەقەت ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىلا بار، سىجىل كۈچەش، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، قاراتمىلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، قاپلاش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، رولى تېخىمۇ بىۋاسىتە، ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت - كاپالەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش جەريانىدا ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كىشىلەر قەلبى ۋە كۈچىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

(مۇخبىر جاۋ چۇنخۇا، قاتناشقان مۇخبىرلار سۇ لۇپىڭ، ۋاڭ يايۈن)