ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى مۇھىم ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە

日期:2024年04月23日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

مۇھىم ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە


(ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ)

ئومۇمىي تەلەپ

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان، ھايات-ماماتتا بىللە بولىدىغان، تەقدىرداش بولىدىغان ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئاساسلىق ۋەزىپە

1. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

2. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىغا دائىر تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش-چۈشەندۈرۈش ۋە تەشۋىق-تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

3. قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىش كېرەك.

4. شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي بازىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇش كېرەك.

5. ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش، يۇغۇرۇلۇشنىڭ كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

6. دىنىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

7. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېز تۈرتكە بولۇش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئورتاق ئاتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

8. خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك.

9. ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

10. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ساھەسىدىكى تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك.

11. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەشكېرەك.