بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقى بېرىش مىقدارى 2160 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.18 ئاشتى

日期:2024年04月23日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىررېن چۇنشياڭ) 4- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشۋىقات ھەپتىلىكى، «2023- يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى» 4- ئاينىڭ 20- كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقى بېرىش مىقدارى 2160 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.18 ئاشتى.

2023- يىلى، ئاپتونوم رايون بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىغا يۇقىرى پەللىدىن تۈرتكە بولۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى يارىتىش، قوغداش، قوللىنىش، مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.