ئوتتۇرىچە تۆۋەنلىتىش نىسبىتى %95 بولىدۇ! ئاپتونوم رايونىمىزدا دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ھەققى بويىچە ھەق ئېلىش ئۆلچىمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىدۇ

日期:2024年04月22日
来源:天山网
【字体:

مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ «قۇرۇلما خاراكتېرلىك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ياسىمىچىلىق تەرەققىياتىنى نۇقتىلىق قوللاش» خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېببىي دورا ساھەسىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بىلەن بىرلىكتە «دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ھەققى بويىچە ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ، دورا تولۇقلاپ ئىلتىماس قىلىش بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇش ھەققىنى بىكار قىلىپ، دورىنى قايتا تىزىمغا ئالدۇرۇش ھەققىنى 22 مىڭ 284 يۈەن╲قېتىمدىن 1200 يۈەن╲قېتىمغا تۆۋەنلىتىش، چېگرا ئىچىدىكى 2-تۈردىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى تۇنجى قېتىم تىزىمغا ئالدۇرۇش ھەققىنى 70 مىڭ 434 يۈەن╲قېتىمدىن 2800 يۈەن╲قېتىمغا تۆۋەنلىتىش، تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئۆزگەرتىش ھەققىنى 29 مىڭ 484 يۈەن╲قېتىمدىن 2400 يۈەن╲قېتىمغا تۆۋەنلىتىش، تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئۇزارتىش ھەققىنى 29 مىڭ 250 يۈەن╲قېتىمدىن 1200 يۈەن╲قېتىمغا تۆۋەنلىتىشنى ئايدىڭلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ تەلىپى بويىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى مەھسۇلاتلىرىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشقا قارىتا، ئىجرا قىلىش مۇددىتى 2027-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىلدى.

بۇ قېتىمقى دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ھەققىنى تۆۋەنلىتىشتە، ئوتتۇرىچە تۆۋەنلىتىش نىسبىتى %95كە يېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 95 تېببىي دورا كارخانىسىغا نەپ يەتكۈزۈلىدۇ، ھەر يىلى كارخانىلارنىڭ 5 مىليون 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق يۈكىنى يېنىكلىتىش مۆلچەرلەندى.