ئەگەر مۇمكىن بولسا، ئاتۇشنىڭ باھارىغا چۆمۈلگەن بولاتتىم

日期:2024年04月22日
来源:天山网
【字体:

4-ئاينىڭ 16-كۈنى

ئاتۇشقا كەلگەندە

ئىللىق باھار شامىلى ئۇرۇلۇپ، قۇياش ئىللىق نۇرىنى چېچىپ تۇراتتى

پورەكلەپ ئېچىلغان گۈل-گىياھلار، ئوتلاقلار

بىر پارچە رەڭدار، كۆركەم يۆگىمە رەسىمنى شەكىللەندۈرگەنىدى

ئاتۇشنىڭ باھارى

بۇلا ئەمەس


ئەگەر ئاتۇشنىڭ باھارىنى تەسۋىرلەشكە توغرا كەلسە

باھارنىلا تەسۋىرلەش كۇپايە قىلمايدۇ


پورەكلەپ ئېچىلغان ئۈمىد گۈللىرىنى

توختىماي ئۆتۈۋاتقان ۋاقىت

ئەمدىلا يورىغان تاڭنى، ئېرغاڭلاۋاتقان سۆگەت شاخلىرىنى

گۈللۈكتە ئۇچۇپ يۈرگەن ھەسەل ھەرىسى، كېپىنەكلەرنى

گۈللەرنىڭ خۇش ھىدىنى

يېشىل دالىدا ياڭرىغان بالىلارنىڭ خۇشال كۈلكە سادالىرىنى

ئۇلارنىڭ غەم-ئەندىشىسىز ھالىتىنى سىزىش كېرەك




ئەگەر ئاتۇشنىڭ باھارىنى تەسۋىرلەشكەتوغرا كەلسە

باھارنىلا تەسۋىرلەش كۇپايە قىلمايدۇ

ئارزۇنىڭ باشلىنىشىنى

قايناق ياشلىقنى

شەپەق نۇرىنى، بۇلبۇللارنىڭ سايراشلىرىنى، ئۇسسۇلغا چۈشكەنقارلىغاچلارنى

تەرگە چۆمۈلگەن كىيىملەرنى

ئوتتەك قىزغىنلىقنى

ئاشىق-مەشۇقلارنىڭگىرەلىشىپ كەتكەنشولىسىنى

سۈرەتتىكىدەك شېرىن دەقىقىلەرنى تەسۋىرلەش كېرەك

ئەگەر ئاتۇشنىڭ باھارىنى تەسۋىرلەشكە توغرا كەلسە

باھارنى تەسۋىرلەش كۇپايە قىلمايدۇ

بەيگە مەيدانىدىكى

چېپىپ يۈرگەن ئارغىماقلارنىڭ جەسۇر قامىتىنى

سۈرئەت بىلەن قايناق ھېسسىياتتىكى جۇشقۇنلۇق

مۇسابىقە مەيدانىدا نامايان بولغان ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشنى تەسۋىرلەشكېرەك

​ئەگەر ئاتۇشنىڭ باھارىنى تەسۋىرلەشكە توغرا كەلسە

باھارنى تەسۋىرلەش كۇپايە قىلمايدۇ

تۇرمۇشنىڭئىللىقلىقىنى

تىنچ يىللارنى

يورىغان چىراغلار، مورىلاردىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئىسلارنى

ئەسلىمىلەردىن شەكىللەنگەن يۆگىمە رەسىملەرنى

ئىلگىرىكىدەك ئىللىقلىقنى

بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى بەخت كۈلكىسىنى تەسۋىرلەش كېرەك

ئەگەر ئاتۇشنىڭ باھارىنى تەسۋىرلەشكە توغرا كەلسە

ھەممە يەردە باھارنى كۆرگىلى بولىدۇ

باھار ئىللىقلىقنى ئېلىپ كېلىپ

تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلارغا

تىنچ يىللارغا

ئالمىشىپ تۇرىدىغان تۆت پەسىلنىڭ ھەربىر دەقىقىسىگە سىڭىپ كەتكەنىدى

ئاتۇش شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى لى خې

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى