دىققەتنى ئېھتىياجغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئىستېمال يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغىتىش

日期:2024年04月21日
来源:天山网
【字体:

شىن شىجيەن

پاختىدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملار، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلار − شىنجاڭ ياسىمىچىلىقى 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە قالتىس نامايان بولدى؛ پۈتۈن بىر يىل داۋاملىشىدىغان 1000 مەيداندىن ئارتۇق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان شىنجاڭنىڭ 2024 - يىللىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يىللىق پائالىيىتى قىزغىن كەيپىياتتا قانات يايدۇرۇلماقتا... بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل قويۇپ بېرىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى زورايتتى، 1 - پەسىلدە تەمىنلەش بىلەن سېتىش تەڭ جانلاندى، يارقىن نۇقتىلار نامايان بولدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرى ئارقىلىق، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، بازار موتورىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئىستېمال قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇرماقتا.

ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاچقۇچلۇق موتور. ئىستېمال بازىرىنىڭ ئەلالىشىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، خاسلاشقان، ئالاھىدە ئىستېمال ئېھتىياجى سىجىل ئۆزگىرىۋاتىدۇ، «ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئىستېمال بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغىتىپ، تېخىمۇ ئىنچىكىلەشكەن ئىستېمال ھالىتى، تېخىمۇ قولاي ئىستېمال يولى، تېخىمۇ يېڭى ئىستېمال تەسىراتى ئارقىلىق ئىستېمال بازىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك.

«يېڭى» يوشۇرۇن كۈچنى قوزغىتىپ، ئىستېمالغا كۈچ قوشۇش كېرەك. ئىستېمال جەريانىدا، ئىستېمالچىلار ھەمىشە يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تەسىرات، يېڭى ئەندىزىنى تېخىمۇ ياقتۇرىدۇ. ئىستېمال بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا، يېڭىچە ئىستېمالنى نىشانلاپ، رەقەملىك ئىستېمال، يېشىل ئىستېمال، ساغلام ئىستېمال جەھەتتە ئىستېمالنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە يېڭىچە ئىستېمال بىلەن ئەنئەنىۋى ئىستېمالنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، مەۋھۇم ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ماس، تەكشى تەرەققىياتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەم «يېڭى بوتۇلكىغا يېڭى ھاراق قاچىلىشىمىز»، ھەم «كونا بوتۇلكىغا يېڭى ھاراق قاچىلىشىمىز» كېرەك. بۇ يىلقى يېڭى بىر نۆۋەتلىك «كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش» تەدبىرىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئاپتوموبىلنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا ئالماشتۇرۇش، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا ئالماشتۇرۇش، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانىلارنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشتا ئادەتتىكى ئىستېمالنى تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ يېشىل، تېخىمۇ ئاقىل سۈپەتكە ئىگە قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، كارخانىلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈش نەتىجىسى ئارقىلىق تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ياخشى ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى يۈزلىنىشكە ماسلاشقاندا، ئاندىن بازار ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يېڭىچە ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ.

«يۇقىرى» سۈپەت يارىتىپ، ئىستېمالغا كۈچ قوشۇش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت تىپىدىكى ئىستېمالىدا تېز ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. مۇلازىمەت تىپىدىكى ئىستېمال ئىستېمالنى كېڭەيتىشنىڭ يېڭى موتورىغا ئايلاندى، مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى يېڭىلاش ئاچقۇچ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يادرو بولۇپ، مۇلازىمەت ئېڭى، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، مۇلازىمەت كەسپى، مۇلازىمەت سۈپىتى جەھەتتە كەشتىچىلىك ماھارىتىنى ئىشقا سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىق ئەۋزەللىكى روشەن، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالى مۇلازىمەت تىپىدىكى ئىستېمالنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، غايەت زور ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بوشلۇقىغا ئىگە. شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشتە جەزمەن مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىپ، مۇلازىمەت مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمالچىلارغا تاغ - دەريالار ئارىسىدا ئادىمىيەت گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، بازارنىڭ قاينام - تاشقىنلىقى ئىچىدە مۇلازىمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭ ماركىسىنى چىن كۆڭلىدىن ئېتىراپ قىلىدىغان، شىنجاڭ مۇلازىمىتىنى ئالقىشلايدىغان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىش، دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىشنى شىنجاڭ ئىستېمال بازىرىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

«يۇغۇرۇلۇش» ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، ئىستېمالغا كۈچ قوشۇش كېرەك. ئىستېمال ھالىتى ئىستېمال تاللىشىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە ئىستېمالچىلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىر، بارغانسېرى كۆپ ئىستېمالچى ئىستېمال ھالىتىدە تاۋارنىڭ ئۆزىنى ئاساس قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پىسخىكا جەھەتتىكى ئارزۇ ۋە ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنى ئاساس قىلىدىغان بولدى، ئىستېمال يېڭى ھالىتىدە ھەم ئىستېمال «ئاجايىپ» سەپىرىنى باشلاش، ھەم ئىستېمالچىلارنى ئادىمىيەت قىممىتى، كەيپىيات قىممىتى، ئىجتىمائىي ئالاقە قىممىتى ھاسىل قىلىدىغان ئىستېمال بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. شىنجاڭنىڭ «كۈچلۈك ماگنىت كۈچى»گە ئىگە ئىستېمال يېڭى ھالىتىنى بەرپا قىلىشىدا يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىش مۇقەررەر يول، ھالەت يېتىلدۈرۈشتە ئۆزىگە خاس يول ئېچىپ، ئۇنىڭغا قىزىقارلىق تۈس كىرگۈزۈپلا قالماي، يەنە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىك، مەدەنىيەت خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، گۈزەل مەنزىرە بىلەن سۈنئىي كۆرۈنۈش ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇش، خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەنزىرىسى بىلەن زامانىۋى بوشلۇق بىر - بىرىنى تولۇقلاش، كۈندۈزلۈك ئىقتىساد بىلەن كېچىلىك ئىقتىساد بىر - بىرىنى تولۇقلاش، ئىجادىي كىچىك دۇكان بىلەن داڭلىق كوچىلار يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىستېمال يېڭى ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېڭى سودا ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، كۆپ مەنبەلىك ھېس قىلىش ئارقىلىق ئىستېمالنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشتە سىستېمىلىق تەدبىر قوللىنىشقا، ماسلىشىپ ئالغا سىلجىتىشقا توغرا كېلىدۇ، بىز جەزمەن ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا كۆڭۈل قويۇپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئىستېمالنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك.