4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان يىشىتې (شىنجاڭ) ئېنېرگىيە پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، تېخنىك ئۈسكۈنىنى تەڭشىمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسى سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يادرو قىلىنغان كەسىپ ئېكولوگىيە چەمبىرىكىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، شۇ جايدىكى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىش ۋە يۇغۇرۇلۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. □تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى