ئاپتونوم رايونىمىز 2024 - يىللىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى باشلىدى

日期:2024年04月21日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىرېن چۇنشياڭخەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، 2024 - يىللىق مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبە مەيدانىدىكى باشلىنىش مۇراسىمى شىنجاڭ داشۆ بودا مەكتەپ رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ھازىر، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يارىتىش، قوللىنىش، قوغداش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، دىققەتنى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ۋە كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى، ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى زىچ ئۇدۇللاشتۇرۇپ، پاتېنتنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سەر خىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك. دىققەتنى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سىياسىتى، مۇلازىمىتى، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

باشلىنىش مۇراسىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز 2023 - يىللىق شىنجاڭنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى ھەم تىپىك دېلو مىساللىرى، «كارخانىلارنىڭ مەملىكەت سىرتى(ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت)دىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش كۆرسەتمىسى»نى ئېلان قىلدى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك شەھەر بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەر (سانجى ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى)، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك ناھىيە بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ناھىيە، شەھەر (كۈيتۈن شەھىرى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى، قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونى، سانجى شەھىرى)گە ۋىۋىسكا بېرىلدى، «دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پاتېنت ئىدارىسى پاتېنت تەكشۈرۈش ھەمكارلىقى بېيجىڭ مەركىزىنىڭ شىنجاڭ مۇلازىمەت پونكىتى» يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى.

دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى ۋاڭ پېيجاڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.