«شىنجاڭ ياخشى جاي ئىكەن، بىز يەنە كېلىمىز»

日期:2024年04月21日
来源:天山网
【字体:

− مالايسىيا خۇارېن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

«جۇڭگو شىنجاڭ ياخشى جاي ئىكەن، ھەر مىللەت خەلق ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋېتىپتۇ، بىز يەنە كېلىمىز» دېدى ئۈچ كۈنلۈك ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، مالايسىيا خۇارېن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ باش جەمئىيەت باشلىقى يې يۇڭشىڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

4 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە، مالايسىيا خۇارېن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەتتە بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەنزىرە رايونى، مۇزېي، مەسچىت قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭدا ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكى، مەدەنىيەتنىڭ گۈللەنگەنلىكى، دىنلارنىڭ ئىناق ئىكەنلىكى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقىدەك ھەقىقىي ئەھۋالنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆپچىلىككە شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ تەپسىلىي كۆرۈپ، چۈشەندۈرگۈچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى سورىدى ۋە ئىگىلىدى. «مۇزېيدا ساقلانغان بۇيۇملار مول، تارىخىي ئىچكى خاس مەزمۇنى چوڭقۇر ئىكەن، بىز شىنجاڭنىڭ تارىخىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۇق، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق» دېدى مالايسىيا خۇارېن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى خۇاڭ شيۇمېي.

شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسىدە، زور مىقداردىكى ھەقىقىي ئۈن - سىن ماتېرىياللىرى ئارقىلىق تېررورىزم، ئەسەبىيزمنىڭ شىنجاڭغا كەلتۈرگەن زىيىنى بايان قىلىنغان. ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بوپتۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىنىپتۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىنىپتۇ، بۇ جايدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد گۈللەنگەن بولۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك، خاتىرجەم ئىكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى غەربتىكى بەزى تاراتقۇلارنىڭ ئېيتقىنىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن.

ئۈرۈمچىدىكى شەنشى چوڭ مەسچىتى، ياڭخاڭ مەسچىتى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە، ئېكىسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى دىنىي زاتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«مەن نۇرغۇن جايغا بارغان، شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، جۇڭگو شىنجاڭ سەپىرى مېنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىمنىڭ بىرى.» مالايسىيا خۇارېن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ساباھ شۆبە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى زېڭ لىچى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ شەرق - غەرب مەدەنىيلىكى ئالماشتۇرۇلىدىغان، تارقىلىدىغان جاي، بۇ جايدا كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت توپلانغان بولۇپ، كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت ئىكەن، كۆپ خىل دىن ئىناق تەرەققىي قىپتۇ، ھەر مىللەت خەلق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋېتىپتۇ، بىز بۇ قېتىمقى سەپەردىكى گۈزەل تەسىراتىمىزنى تېخىمۇ كۆپ كىشى بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا ئايلانغاندا، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلار، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئىمارەتلەر ۋە ئاۋات كىشىلەر توپى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەرگە قويۇق قاينام - تاشقىنلىققا تولغان كەيپىياتنى ھېس قىلدۇردى؛ شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى ۋەن تۇڭشۇ مۇقام ھۆججەت - ئەسەرلەر سارىيىدا، ئېكىسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى، ئۇلار جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى.

«مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا، مېنىڭ <شىنجاڭ ياخشى جاي> دېگەن تەرىپلەشكە بولغان تونۇشۇم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.» مالايسىيا خۇارېن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ مېيفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆردۈم، كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم مەندە گۈزەل تەسىرات قالدۇردى، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە كېلىشنى ئارزۇ قىلىمەن.

«شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر ئېچىۋېتىلگەن قىياپەتتە دۇنياغا كەڭ قۇچاق ئاچتى.» تۆت يىل ئىلگىرى شىنجاڭغا كېلىپ باققان يې يۇڭشىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، شىنجاڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپەت، يېڭى كەيپىياتتا قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى كۈتۈۋالماقتا، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت مەزگىلىدە، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى شىنجاڭنىڭ مىللەت، دىن، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى. ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: گەرچە ۋاقىت قىسقا بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدىكى بارلىق ئىشلار كۆپچىلىكتە گۈزەل ھەم چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى، ھەقىقىي شىنجاڭنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى تاراتقۇلار پىتنە - ئىغۋا توقۇپ قارا چاپلىغان شىنجاڭ بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى، جۇڭگو شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئىناق، مۇقىم بولغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيەتتىن گۇمانلىنىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇق. بىز گۈزەل شىنجاڭنىڭ ھېكايىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۆزلەپ بېرىمىز.