بۇ يىل شىنجاڭدا 430 نۇقتىلىق تۈر يولغا قويۇلۇپ، جەمئىي 3 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ

日期:2024年04月20日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەننىڭ 4 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ چوڭ ـ چوڭ تۈرلەر ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدا جەمئىي 3 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان 430 نۇقتىلىق تۈر يولغا قويۇلۇپ، 350 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلانغان.

بۇنىڭ ئىچىدە، داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى 190 بولۇپ، جەمئىي 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانى 213 مىليارد يۈەن؛ يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈر 100 بولۇپ، جەمئىي 650 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانى 137 مىليارد 300 مىليون يۈەن؛ زاپاس تۈر 140 بولۇپ، جەمئىي 1 تىرىليون 350 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەندى.

ساھەلەرگە ئايرىپ قارىغاندا، ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى تۈر 186 بولۇپ، جەمئىي 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانى 102 مىليارد 800 مىليون يۈەن، ئاساسلىقى سۇچىلىق، قاتناش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئەشيا ئوبوروتى، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ زامانىۋى كەسىپ جەھەتتىكى تۈر 191 بولۇپ، جەمئىي 2 تىرىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، 229 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلانغان بولۇپ، ئاساسلىقى نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېشىل كانچىلىق، يېڭى ماتېرىيال، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى جەھەتتىكى تۈر 53 بولۇپ، جەمئىي 106 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، 17 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلانغان بولۇپ، ئاساسلىقى پەن ـ تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت، سەھىيە ـ تەنتەربىيە، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت قوغداش، شەھەر ـ بازار قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ خۇەن مۇنداق تونۇشتۇردى: 2023 ـ يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل شىنجاڭدا يولغا قويۇلىدىغان نۇقتىلىق تۈر سانىدىن 30ى كۆپىيىپ، ئومۇمىي سېلىنما 607 مىليارد 700 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، يىللىق پىلاندىكى سېلىنما 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق كۆپىيىپ، تۈر ئومۇمىي مىقدارى ۋە سېلىنما كۆلىمى جەھەتتە قوش ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

سېلىنما سوممىسىدىن قارىغاندا، 430 نۇقتىلىق تۈر ئىچىدە 1 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان تۈر 318 بولۇپ، %74نى ئىگىلەپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن يەتتە پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. «سېلىنما كۆلىمى زور، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى كەڭ، تۈرتكىلىك رولى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرنىڭ تېز يولغا قويۇلۇشى پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ» دەپ بىلدۈردى ۋاڭ خۇەن.

ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق تۈرلەردە بالدۇر ئىش باشلاش، بالدۇر قۇرۇش، بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ يىل، شىنجاڭ سانلىق مەلۇماتنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشتىن تولۇق پايدىلىنىپ، تۈرلەرنى تەستىقلاش، ئىلتىماس قىلىش، ئىش باشلاش، قۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارغا دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق ئىز قوغلاپ ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرگە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدىكى توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى تېزدىن راۋانلاشتۇرۇپ، چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرنى يۇقىرى ئۈنۈم، تېز رىتىمدا ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشىدۇ. تۈرگە كۈچەش، مۇھىتقا كۈچەش، مۇلازىمەتكە كۈچەش، سۈرئەتكە كۈچەشكە بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ «سۈرئىتىنى تېزلىتىش» ئارقىلىق تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى «يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش»نى نامايان قىلىدۇ.

«نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى شىنجاڭنىڭ سېلىنمىنى كېڭەيتىشى، قۇرۇلمىنى تەڭشىشى، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشى، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇشىدىكى ئاچقۇچ.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ 2 ـ دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى يەن جياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە پىلانلانغان چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرنى ئۈنۈملۈك سېلىنمىغا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.