1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.7 ئاشتى

日期:2024年04月20日
来源:天山网
【字体:

​ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇردى



4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىدە، بىر يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى پورتتىن چىقماقتا. بۇ يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىز دائىملاشتۇرۇپ يولغا سېلىندى، 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنىگىچە جەمئىي 144 قېتىم قاتنىغان بولۇپ، توشۇغان يۈك مىقدارى 107 مىڭ 100 توننا بولدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 93 مىليارد 630 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.7 ئاشقان، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 37.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرۇپ، «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان. بۇ يىل 3 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئۇدا 29 ئاي مۇسبەت ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان.

پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا %27ى، %18.8ى ۋە %15.8ىنى ئىگىلىگەن.

1 - پەسىلدە، جۇڭگو شىنجاڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى 193 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا ئالاقىسى قىلدى، قازاقىستان، قىرغىزىستان داۋاملىق شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى بولۇش ئورنىنى ساقلاپ كەلدى، ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %58.8 ۋە %1.9 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا %40.5ى ۋە %22ىنى ئىگىلىدى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.7 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %91.9ىنى ئىگىلىدى؛ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.4 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %68.6ىنى ئىگىلىدى؛ رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (RCEP)گە ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %196.5 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %8.8ىنى ئىگىلىدى.

1 - پەسىلدە، شىنجاڭ بويىچە تاشقى سودا قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتى. چېگرا ئاز سوممىلىق سودا شەكلىدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %53.4ىنى ئىگىلەپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 6.2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى؛ ئادەتتىكى سودا شەكلىدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %96.9 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %35ىنى ئىگىلەپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 9.6 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.

پۇقراۋى كارخانىلار جانلىقلىقى ۋە بازارغا ماسلىشىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورۇندا مۇقىم تۇردى. 1 - پەسىلدە، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.4 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %93.2ىنى ئىگىلىدى. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تاشقى سودا تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %128.6 ئاشتى. قەشقەر، ئالاتاۋ، ئۈرۈمچى، قورغاستىن ئىبارەت تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ جەمئىي ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.5 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %39.4ىنى ئىگىلىدى.

ئاساسلىق ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرىدا بىردەك ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. 1 - پەسىلدە، شىنجاڭ ئېكسپورت قىلغان ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.8 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت قىلغان ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، ئاپتوموبىل (تەگلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، چىراغ، يورۇتۇش قۇرۇلمىلىرى ھەم زاپچاسلىرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %18.5، %37.9 ۋە %76.4 ئاشتى. ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلار توكلۇق ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «يېڭى ئۈچ خىل» مەھسۇلات بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن جەمئىي %151.9 ئاشتى. شىنجاڭ ئىمپورت قىلغان پىروكاتلانمىغان مىس ھەم مىس ماتېرىياللىرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %169 ئاشتى، ئىمپورت قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.3 ئاشتى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتە مۇھىم پۇرسەتنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىدا جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ ماس تەرەققىياتى، تاشقى سودا ھەمراھلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىشىشى، تاشقى سودا قۇرۇلمىسىنىڭ سىجىل ئەلالىشىشى، ئېچىۋېتىلگەن سۇپىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنىڭ سىجىل گەۋدىلىنىشىدەك ئالاھىدىلىكلەر نامايان بولغان.