جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە بىرقانچە خاتا قاراشتىن ساقلىنىش كېرەك

日期:2024年04月20日
来源:天山网
【字体:

شۈ چىڭگۇاڭ

4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. مەخسۇس ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىش شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيىتى ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم.

دىققەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئاساسنى پۇختىلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى چوڭ ئىش، مۇھىم ئىش، جىددىي ئىش قاتارىدا تۇتۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى نامايان قىلىندى.

«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى.» بۇ بىر جۈملە سۆزدە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»نىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئورنى بېكىتىلدى.

«ئاساسىي لىنىيە» كاۋاپنىڭ زىخىغا، مارجاننىڭ يىپىغا ئوخشايدۇ، «ئاساسىي لىنىيە»نى توغرا چۈشىنىش، ئىگىلەش، ئىزچىللاشتۇرۇش مىللەتلەر خىزمىتىنى، شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. بىراق، ئەمەلىيەتتە، بەزى جايلاردا ۋە تارماقلاردا «ئاساسىي لىنىيە»گە قارىتا يەنىلا تونۇش جەھەتتە خاتالىق مەۋجۇت:

بىرىنچى، «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى» دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆزنى ئايرىۋېتىپ، خاتا ھالدا «قوش ئاساسىي لىنىيە» دەپ قاراش. شۇنى ئېنىق تونۇش كېرەككى، پەقەت «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»تىن ئىبارەت بىرلا ئاساسىي لىنىيە بار، بۇنىڭدىن قىلچە ئېغىپ كەتمەسلىك كېرەك.

ئىككىنچى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بىلەن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى پاراللېل، تەڭداش مۇناسىۋەت دەپ قاراش، بۇ بىر خاتا تونۇش. خۇددى بىر تىزىق مارجانغا ئوخشاش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەرۋايىت بولسا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ھەممىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان يىپ، بۇ مۇناسىۋەتنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش پەقەت مەلۇم تارماقنىڭ ئىشى، دەپ بىر تەرەپلىمە، تار دائىرىدە قاراش. چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭدا ئاساسىي لىنىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىز تەرەپ ۋە ساھە يوق. بارلىق ساھە، تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئۆز فۇنكسىيەسى، مەسئۇلىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىرىكىش نۇقتىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېپىپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى خىزمەت ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىشى كېرەك.

ئەمەلىيەت قاتلىمىدا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بىر تۈرلۈك تەخىرسىز ۋەزىپە، شۇنداقلا ئۇزاق مەزگىللىك جەريان، جەزمەن سالماق - پۇختا ئىلگىرىلەپ، «كۈتۈپ تۇرماسلىق» بىلەن «ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق»نىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، ھەم كۈتۈپ تۇرۇشقا، يۆلىنىۋېلىشقا، ئارقىغا سۆرەشكە، ھەم ئالدىراقسانلىق قىلىشقا، يېنىكلىك قىلىشقا، قولىنىڭ ئۇچىدا ئىش قىلىشقا بولمايدۇ.

ھالبۇكى، ئەمەلىيەت داۋامىدا بەزىلەر «ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش» «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»كە ئادەتلىنىپ قالغان، بىر تەرەپلىمە ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى نوقۇل ھالدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، دەپ قاراپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنلىرى، ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى تەشۋىق - تەربىيەنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدۇ؛

بەزىلەر «بىر مەھەل ھەدەپ ئىشلەپ» «داغدۇغا» پەيدا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتىنى قىسقا مەزگىللىك ھەرىكەت دەپ قارايدۇ، ئۇلاردا «رەسمىيەتچىلىك قىلىش» «تەكشۈرۈشكە تاقابىل تۇرۇش» «نامغا ئېرىشىۋېلىپلا بولدى قىلىش» قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت؛

بەزىلەر «ئۆلۈك ئىش قىلىپ»، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىدە پەقەت قانچە مەيدان لېكسىيە سۆزلىگەنلىككە، قانچە لوزۇنكا ئاسقانلىققا، قانچە ئىلغار تىپ تۇرغۇزغانلىققىلا قارايدۇ.

تۈرتكە بولمىسا ھەرىكەتكە كەلمەسلىك، تۈرتكە بولسىمۇ ھەرىكەتكە كەلمەسلىكنى «پۇختا ئىش قىلغانلىق» دېيىشكە بولمايدۇ، بۇ، «توختاپ قالغانلىق»؛ قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلىش، ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ كېتىشنى «ئىلگىرىلىگەنلىك» دېيىشكە بولمايدۇ، بۇ، «چېكىنگەنلىك».

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە، سىستېمىلىق پىلانلاپ، قەدەم رىتىمىنى ئىگىلەپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، تېز غەلىبە قىلىش ئويى ۋە ئالدىراقسانلىق كەيپىياتىنى تۈگىتىپ، سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك، ئاكتىپلىق ۋە تەشەببۇسكارلىقنى قوزغاپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى چىڭىتىشىدىكى مۇھىم تونۇش مەسىلىسى، تېخىمۇ مۇھىمى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سىياسىي مەسىلە. تونۇش ۋە ئەمەلىيەت قاتلىمىدا توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، خاتا قاراشلاردىن ساقلانغاندىلا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.