«كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم قىلىمەن»

日期:2024年04月20日
来源:天山网
【字体:

​− 8 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسى يۈ شۆرەن توغرىسىدا

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر ما جىڭجىڭ

4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى قارادۆۋە بازىرى بوستان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يۈ شۆرەننىڭ ئۆيىدە يۇرتداشلار خۇشال جەم بولدى. بىرنەچچە كەنت ئاھالىسى داپ، راۋاب، دۇتار چالدى، يېشى 70تىن ئاشقان يۈ شۆرەن راۋان ئۇيغۇر تىلىدا مۇقام ئېيتتى، ئۇ تېكىستكە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى توغرىسىدىكى مەزمۇننى قوشقانىدى.

«مېنىڭ دادام بوستان كەنتىنىڭ يالىڭاياغ دوختۇرى، مەن كىچىكىمدىن مۇشۇ جايدا چوڭ بولغان.» يۈ شۆرەن مۇنداق دېدى: بوستان كەنتىدىكى يۇرتداشلار قىزغىن، ئاق كۆڭۈل، ئەمگەكچان، ساددا، «نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، بىز تۇغقانلاردەك چىقىشىپ ئۆتۈۋاتىمىز».

يۈ شۆرەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، يەنە كەنتتىكى سىياسەت تەشۋىقاتچىسى، زىددىيەت - ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلغۇچى. كەنتتە ئۇ يۇرتداشلارنىڭ قەلبىدىكى قابىل ئادەم، شۇنداقلا ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ياخشى ئادەم.

يۈ شۆرەننىڭ «لاۋيۈ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىش نۇقتىسى − ھەق تەلەپ مۇرەسسە خاتىرىسى» بار بولۇپ، ئۇنىڭدا 2020 - يىلى 4 - ئايدا لاۋيۈ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىش نۇقتىسى قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە مۇرەسسە قىلغان چوڭ - كىچىك 50 - 60 ئىش خاتىرىلەنگەن. ئۇ خاتىرىلەنگەن ھەربىر ئىشنى ناھايىتى پىششىق بىلىدۇ.

«بۇ زىددىيەت - ماجىرالار يېزىلاردا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، ئىلگىرى كۆپچىلىك ئازراق ئىشى بولسىلا كەنت ئاھالە كومىتېتى، بازارلىق ھۆكۈمەتكە بېرىپ ئىنكاس قىلاتتى، ھازىر ھەممەيلەن ئالدى بىلەن مېنىڭ بۇ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىش نۇقتامغا كېلىشكە ئادەتلەندى، نۇرغۇن ئىش ئېنىق دېيىلسىلا، زىددىيەت ھەل بولىدۇ» دېدى يۈ شۆرەن.

يۈ شۆرەن پەزىلەتلىك ئادەم بولۇپ، ئىشنى ئادىل بېجىرىدىغان بولغاچقا، زىددىيەت - ماجىرالارنى ياخشى ھەل قىلالايتتى.

2010 - يىلى ئەتىيازدا، گۇاڭدۇڭلۇق بىر سودىگەر كەنتكە قۇرۇق ئۈزۈم سېتىۋالغىلى كېلىپ، يۈ شۆرەن بىلەن ھەر كىلوگىرامىنى 20 يۈەنلىك باھادا سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدى، ھالبۇكى، ھاۋارايى سەۋەبىدىن يۈ شۆرەن قۇرۇتقان قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلدى. گەرچە توختام ئىمزالانغان بولسىمۇ، يۈ شۆرەن يەنىلا تەشەببۇسكارلىق بىلەن باھانى چۈشۈرۈپ، ھەر كىلوگىرامىنى 15 يۈەنلىك باھادا سېتىپ بەردى. بۇ ئىش تارقالغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە يۈ شۆرەننى ماختاشتى.

يۈ شۆرەن باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ، كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا ياردەم قىلىدۇ.

ھەر يىلى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، يۈ شۆرەن تىراكتور ھەيدەپ ئەمگەك كۈچى ئاز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەر ئاغدۇرۇشىغا، ئوغۇت توشۇشىغا ياردەم بېرىدۇ؛ بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ قان چىرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغاندا، يۈ شۆرەن دەرھال كەنت ئاھالە كومىتېتىغا بېرىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈردى ھەم باشلامچىلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلىپ، بۇ كەنت ئاھالىسىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى؛ 2012 - يىلىنىڭ بېشىدا، يۈ شۆرەن ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، كەنتتىكى مېۋىلىك باغقا تۇتىشىدىغان 300 مېتىردىن ئارتۇق توپا يولنى شېغىل يول قىلىپ ياسىتىپ، چاڭ - توزان كۆتۈرۈلۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ 2015 - يىلى 5 - ئايدا، شۇ جايدا قاتتىق يامغۇر ياغقاندا، يۈ شۆرەن 60 خالتا ئۇن سېتىۋېلىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان كەنت ئاھالىلىرىگە يەتكۈزۈپ بەردى؛ يۈ شۆرەن شۇ جايدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئون يىلغا يېقىن پۇل ئىئانە قىلىپ، ئوقۇشقا ياردەم بەردى... يۈ شۆرەن قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى يۆلىگەن ھەربىر ياخشى ئىشى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.

يۈ شۆرەن دائىم بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىدۇ، ئاندىن بۇ سىياسەتلەرنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن تەشۋىق قىلىدۇ. كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ قوللىشىدا، يۈ شۆرەن ئۆز ئۆيىدە «كىچىك دەرسخانا» ئاچتى، ئۆزىنىڭ دۇتار چېلىش، داپ چېلىش، مۇقام ئېيتىش ئارتۇقچىلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، لېكسىيە سۆزلەش ئارىلىقىدا ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى، كەنتتىكى ساز چالالايدىغان، مۇقام ئېيتالايدىغان كەنت ئاھالىلىرىمۇ ئۇنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ بىرلىكتە ئويۇن قويدى. ھەر قېتىم لېكسىيە سۆزلىگەندە، يۈ شۆرەننىڭ ئۆيى كەنتتىكى ئەڭ ئاۋات جاي بولۇپ قالاتتى.

«كىچىك دەرسخانا»نىڭ تەسىرىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ئىناق بولدى، ئەمگەك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىدىغانلار كۆپەيدى، ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغانلارمۇ كۆپەيدى.

يۈ شۆرەننىڭ ئائىلىسىدە چوڭ - كىچىك بولۇپ 13 كىشى بار، ئۇلارنىڭ سەككىزى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى. بۇ چوڭ ئائىلىدە باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلانغان. 2023 - يىلى، كەنت ئاھالىسى قادىر ئىمىرنىڭ بېلى يارىلانغانلىقتىن 20 نەچچە كۈن دوختۇرخانىدا يېتىشقا توغرا كەلدى، خوتۇنى دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقچى بولدى، ئۆيدىكى 50 نەچچە قوي ۋە ئىككى كالىغا قارايدىغان ئادەم يوق ئىدى. يۈ شۆرەن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشتى، ئۇلار ھەر كۈنى نۆۋەتلىشىپ قادىرغا ياردەم قىلىپ كالا، قويلارنى بېقىپ بەردى.

2017 - يىلى، يۈ شۆرەننىڭ ئائىلىسى ئاپتونوم رايون بويىچە مەدەنىي ئائىلە بولۇپ باھالاندى. 2023 - يىلى، 8 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاشتا، يۈ شۆرەن سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى. ئۇ شان - شەرەپ ئالدىدا مۇنداق دېدى: «مېھىر - مۇھەببەتنى كۆپچىلىككە يەتكۈزۈپ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم قىلىمەن».

«كۆپ يىللاردىن بۇيان، لاۋيۈ تاغام كەنت <ئىككى كومىتېت>ىغا ياردەملىشىپ نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. يۇرتداشلار قانداقلا ئىش بولسا ئۇنى ئىزدەشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئىشىنىدۇ، ئۇ بىز ھەربىر كەنت كادىرىنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ» دېدى بوستان كەنتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى روشەنگۈل يۈسۈپ.